سۈرەتتە: 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، ساياھەتچىلەر بۇ باغچىدا ساياھەت قىلماقتا.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى 620 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ باغچە ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىدى، ئۆزگەرتتى، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىلگىرىكى يەككە مەنزىرە كۆرۈش ساياھىتىدىن تەدرىجىي ئارام ئېلىش – ئىستىراھەت ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى قاتارلىقلارغا تەرەققىي قىلدى.
مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى