جۇڭچيۇ بايرىمى جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى بىلەن ‹‹ئۇچراشتى››
مۇخبىرلىرىمىز تاڭ كەندۇڭ، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىلقى جۇڭچيۇ بايرىمى دەل تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىغا توغرا كەلدى، قوش بايرام شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 9 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن 24 – كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 5 مىليون 250 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم)گە، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 9 مىليارد 383 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.17 ۋە %89.44 ئاشتى. ساياھەتچى مەنبەسى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى ساياھەتكە چىققان ئاساسلىق قوشۇن بولۇپ، جەمئىي 3 مىليون 615 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن، بۇ ساياھەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %68.85ىنى ئىگىلىگەن، شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 1 مىليون 635 مىڭ 600 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، ساياھەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %31.15ىنى ئىگىلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بايرام مەزگىلىدە، سەھرا ساياھىتى، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت ئالقىشقا ئېرىشكەن. 2018 – يىللىق 7 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ (سانجى) جۇخارگۈلى كۆرگەزمىسى، باغراش كۆلى(داخېكۇ) ‹‹داقا – دۇمباق چېلىپ كۆككە مول ھوسۇل شادلىقىنى يەتكۈزۈش›› مەرىكىسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى ‹‹مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش›› دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرگە سەھرالارنى ساياھەت قىلىپ، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشىك ئالدىدىكى ئىستىراھەت ساياھىتىمۇ كىشىلەرنى ئىنتايىن قىزىقتۇردى. ئۈچ كۈندە، ئۈرۈمچى شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 946 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.52 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 291 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.02 ئاشتى.
جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى ئىشىك بېلىتىنى يېرىم باھادا سېتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزدى، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا بارلىق ساياھەتچىلەر ئىچىدىكى ھەر ئۈچ ئادەمدىن بىرى ھەقسىز ئىشىك بېلىتىدىن بەھرىمەن بولدى، 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئىشىك بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلدى. ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشى ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونلىرىنى تاماشا قىلىش ئارزۇسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. جۇڭچيۇ بايرىمى كۈنى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 14 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشتى. بايرام مەزگىلىدە، قاناس مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 200 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى.
توغراقنى تاماشا قىلىپ كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىستىراھەت ساياھىتىدىكى قىزىق تۈر بولۇپ قالدى. جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىشتا، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى 10 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، مەنزىرە رايونى مىللىي ناخشا – ئۇسسۇل، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا قۇملۇقتىكى توغراقلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە قۇم تېيىلىش، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش قاتارلىق ئالاھىدە تۈرلەردىن بەھرىلەندى، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى مەنزىرە رايونى كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ مياۋ: گەرچە ئارىلىق ئاپتوبۇسىنىڭ بېلەت باھاسى چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كىرىمىگە تەسىر كۆرسەتمىدى، دېدى.