تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەنۋەر ھەسەن


    دۆلىتىمىز كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم داغدام يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىمىز، لېكىن بۇ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئەڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئىش. ئۇلار شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.
    ھەر مىللەت قېرىنداشلار، كۆزۈڭلارنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئويلاپ بېقىڭلار  بۇنداق گۈزەل تۇرمۇشنى بىزگە كىم ئاتا قىلغان؟ ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى؛ كىم بىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىدە بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇلار دەل ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇۋاتقان ئاشۇ دۈشمەن ئۇنسۇرلار. بىز شۇنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، 1 مىليون 600 نەچچە مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر مۇنبەت زېمىندا، ھەر مىللەت ئامما ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغداندى؛ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بۇ يەردە يۇغۇرۇلغان، توپلانغان، ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلار قان-قېرىنداشتەك ئۆتۈپ، ئۆزئارا سىڭىشكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. ئەمگەكچان ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ ئورتاق قۇرغان يۇرت-ماكانىمىزنى ياخشى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.
    پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى قەلبىمگە پۈكۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەر مىللەت ئامما خۇشال-خۇرام ياشاپ، ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما چىن قەلبىدىن پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىدىيەۋى ‹‹توغان››نى مۇستەھكەملەپ، مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشى كېرەك.
    قەتئىي ياخشى باشلامچى بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن. ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى، مۇقىملىق بولغاندىلا، ئاندىن دۈشمەننىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىنى تارمار قىلغىلى بولىدۇ. مەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم كۆزلەپ، مۇقىملىقنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن.
    باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تازىلايمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا نىسبەتەن زىيىنى ئەڭ چوڭ بولغىنى يالغۇز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لا ئەمەس، يەنە كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرمۇ بار. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئاغزىدا ‹‹كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى›› دەپ توۋلىغىنى بىلەن، ئاستىرتىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولدى. بىز ئەتراپىمىزدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى باتۇرلۇق بىلەن پاش قىلىپ، ھەممىگە زىيان سالىدىغان بۇ زىيانداشلارنى ئۈزۈل – كېسىل تازىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ