(8–نومۇرلۇق)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6–يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەركىن ئۆمەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئەركىن ئۆمەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشتى. ئالاھىدە ئېلان قىلدۇق.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
2018–يىلى 9–ئاينىڭ 21–كۈنى