تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6–يىغىنى يېپىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 21–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6–يىغىنى ئۈرۈمچىدە يېپىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 49 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھاراق تۈرلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى››نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› قاتارلىق يەتتە يەرلىك قائىدە–نىزامنى تۈزىتىش توغرىسىدىكى قارارى، ‹‹جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى قوغداش–باشقۇرۇش نىزامى›› ۋە ‹‹قاراماي شەھىرىنىڭ بوران ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى››نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى، شۇنداقلا كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىك، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نىزام چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەپ، قانۇن بويىچە قاتتىق نازارەت قىلىپ، نازارەت قىلىش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش؛ ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قادىلبېك قامزا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. 9–ئاينىڭ 20–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6–يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن 12 كىشى ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتى ئەھۋالىنى مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈردى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانات يايدۇرغان تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈش، شۇنداقلا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشى.

  مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈشتە بىر سوئالغا بىر جاۋاب بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، سۈرۈشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، پات–پات سۈرۈشتۈرۈپ، مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىنى ئىگىلەپ، مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنىڭ سەۋىيەلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەتچىلىك قاتتىق بولغان سالمىقى بار سوئالغا، مەسىلىنى ھەل قىلىپ خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي سوئالغا ئايلاندۇرۇپ، سۈرۈشتۈرۈشنىڭ سەۋىيەلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىز قوغلاپ ئىشنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ