سانجى گېزىتىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى پېڭ خەيدۇڭ فوتوسى، خەۋىرى. 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ـــ تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»، جۇڭچيۇ بايرىمى بىلەن دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت «قوش بايرام» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى سانجى ئوبلاستلىق باج ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىسى دوستتىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت كومىتېتى بىرلىكتە قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 180دىن كۆپ كىشى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»نى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
دوستتىق كەنتى تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»نى كۈتۈۋالدى
مۇھەررىر :
خالمۇرات غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/09/20 17:59
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.