تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

  ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىشان – ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئاساسىدا چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاشتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، تارماقلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ماختىشىغا ئېرىشتى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھىرلەندۈرۈش يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئەلرايى، ئەل ئارزۇسى ئاساسىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى ھەقىقى تۈردە بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ تۇتۇشى كېرەك. سالامەتلىك تەكشۈرۈش راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى›› قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دىكى داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە ئاھالىلەر ساغلاملىق ئارخىپى سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى تېزدىن قۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ زور غەيرەت بىلەن ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنىڭ دائىملىق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاشتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹ساغلام شىنجاڭ››نىڭ يارقىن ئىسىم كارتىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ