تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشتا بايقىغان مەسىلىلەرنى تۈزەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋە قايتما ئىنكاس قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى دوكلات قىلدى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېڭ جيېمىڭ نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونىمىزغا ئەھۋالنى قايتما ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ۋېڭ جيېمىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمنى قاتتىق ئاساس قىلىپ تۈزەشنى تۇتۇپ، بىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەت – تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇقىم ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە نامراتلارنى ئازايتىش يولىنى تېپىپ چىقتى.

  ۋېڭ جيېمىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: نامرات ئاممىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنى تىل ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش؛ شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى، مەبلەغ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپتىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىزدا ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا پۇختا مۇجەسسەملەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزەشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، كەسكىن، ئەستايىدىل تۈزەيدۇ؛ راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامرات ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرىدۇ.

  گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ