بەزى ياشانغانلاردا يېرىم كېچىدە ئۇخلاۋاتقاندا پەي تارتىشىپ قېلىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ئاغرىقتىن ئويغىنىپ كېتىدۇ، لېكىن بۇ كالىتسىي كەملىكتىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا بارمايدۇ. داۋاملىق پەي تارتىشىپ قالسا، مەسىلەن بىر ئايدا ئۈچ قېتىم پەي تارتىشىپ قالسا، ئاغرىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.
پەي تارتىشىش مېدىتسىنادا «يان پاقالچاق مۇسكۇلى تارتىشىۋېلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ياشانغانلار پۇت پەيلىرىنىڭ تارتىشىۋېلىشى كالىتسىي كەمچىل بولۇش بىلەن بەك چوڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، ئاساسەن ئورگانىزىملارنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
1. قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.
2. يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت، قاندا ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبلەرمۇ پۇت قىسمىدىكى قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچىدە پېيى تارتىشىپ قالىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %7 كە يېتىدۇ.
4. دورا ئامىلى. قان بېسىم دورىسى سەۋەبىدىن ياشانغانلاردا كالىي كەمچىل بولۇپ پەي تارتىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.
5. سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش، چارچاش قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ پەي تارتىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇنداقتا ياشانغانلاردا پەي تارتىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسا قانداق قىلىش كېرەك ؟
ئامال بار پۇتنى تۈز تۇتۇپ، تىزنى ئەگمەسلىك. ئائىلە ئەزالىرى پۇتنى بىر قانچە مىنۇت ئۇۋىلاپ بېرىش كېرەك. ئەھۋالغا قاراپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى