خىزمەتچىلەر 9–ئاينىڭ 19-كۈنى «داليەن كېچىسى» نەق مەيدانىدا دالىيەننىڭ ئۆزگىچە جۇۋاۋىسىنى ئەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك يازلىق داۋوس مۇنبىرى شەھەر كېچىسى پائالىيىتى 9–ئاينىڭ 19-كۈنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت «داليەن كېچىسى» ۋە «گۇاڭجۇ كېچىسى»دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ، شەھەر ئوبرازىنى نامايەن قىلىش، شۇ جايدىكى يېمەك-ئىچمەكلەرنى تەۋسىيە قىلىش، ئۆزگىچە ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.