تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشى: ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا، پىراكتىكانت ساڭ خۇڭيەن

  ‹‹ياخشىمۇسىز، سىز زاكاز قىلغان قولدا ئىشلەنگەن ياڭيۇ پىنتوزىسىنى سېلىۋەتتىم، مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانداق مەسىلە بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.›› 9–ئاينىڭ 17–كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يې يۈن خېرىدارغا ئالدىراش تېلېفون بېرىۋاتاتتى. ھازىر دەل پىنتوزا پىششىقلاشنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولغاچقا، يې يۈن ھەر كۈنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە نەچچە يۈز كىلوگىرام پىنتوزا ئەۋەتىپ، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  يې يۈن بۇلتۇر داشۆ پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى، ئۇ مول بولغان خاس دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى بايقىدى، ھەمدە ‹‹شىنجاڭ شياۋمۇبياۋ ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى››نى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئاساسلىقى ھۆل، قۇرۇق يەل–يېمىش ۋە خاس دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى. بۈگۈنكى كۈندە شىركەتنىڭ قۇرۇلغىنىغا نەق بىر يىل بولدى، ئايلىق سېتىش سوممىسى 400 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ.

  يې يۈن: ياخشى سىياسەتكە كۈرەش قىلىش، جاپاغا چىداش، دادىل يېڭىلىق يارىتىش قوشۇلغاندا، يېزىدا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، دېدى. ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئىشخانا ئورنى، قوزغىتىش مەبلىغى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئۇنىڭ بېشىنى تولىمۇ قاتۇرغانىدى. بۇ چاغدا، جىمىسار ناھىيەسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنى كەسىپلەر رايونى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە قوشۇلۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەقسىز ئىشخانا ئورنى ۋە ۋاقىتلىق ساقلاش ئامبىرى بىلەن تەمىنلەپ، يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى ۋە قەرز پۇل بېجىرىشىنى ماسلاشتۇرۇپ، شىركىتىنىڭ بالدۇرراق تورغا چىقىپ تىجارەت باشلىشىغا ياردەم بەردى.

  مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يۇرتىغا قايتىپ يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يې يۈنگە ئوخشاش كۆڭلىگە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى پۈكۈپ يۇرتىغا قايتىپ، ياشلىق باھارى ۋە قايناق ھېسسىياتىنى ئۈمىد ئېتىزىدا نامايان قىلماقتا. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى يۆلەش سىياسىتى ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى بىخلاندۇرۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا. 9–ئاينىڭ 17–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى مياۋ ۋېنلياڭ مۇنداق دېدى: بىز توردا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىگە ئىلھام بېرىمىز، ئىجازەت ئېلىپ توردا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئەمەلىي ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە ئوخشاش يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىدە مەبلەغنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلە. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىغا تەڭشەپ، قەرز پۇل سوممىسىنى 100 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈردى، يەنە نوپۇس چەكلىمىسىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇ سىياسەتتىن شىنجاڭ دائىرىسىدە رايون ھالقىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بىردەك بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ياشلار توپىنىڭ رايون ھالقىپ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى قوزغىتىلدى. ئىلگىرى – كېيىن قانات يايدۇرۇلغان داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە مەشىقلەندۈرۈش پىلانى، ئىجادكارلار مەشىق لاگېرى، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش تەدبىرلىرى داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  بىلىمى بار، ئىقتىدارى بار، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلغانلارغا ياخشى ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنىڭ قوشۇلۇشى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى كۆپلىگەن يۇقىرى سۈپەتلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلدى.

  2016–يىلى شىنجاڭ داشۆنى پۈتكۈزگەن ئاسپىرانت سالامەت بەكرى يېزىلاردىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇرتى شايار ناھىيەسىگە قايتىپ، خۇاچياڭ خۇاتەي مەدەنىيەت مائارىپ تەربىيەلەش مەكتىپىنى قۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى، كومپيۇتېر، ئىنگلىز تىلى بويىچە تەربىيەلەشنى ئاساسلىق مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، سالامەت بەكرىنىڭ تەربىيەلەش مەكتىپى راۋاج تېپىپ، داشۆ پۈتكۈزگەن 18 ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلدى. تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇيەسسەر ئاۋۇت ئۆزىنىڭ كىرىمىدىن ناھايىتى رازى ئىدى، ئۇ خىزمەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھازىر مەن ئېيىغا 4000 يۈەنگە يېقىن مائاش ئالىمەن، ئۆزۈم ئۆگەنگەن بىلىملەرنى يۇرتداشلىرىمغا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسەم، كەلگۈسىدە ئۇلار ياخشى خىزمەت تاپسا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولاتتىم.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 5–ئايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 223 ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئىگىلىك تىكلەش رايونى داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر توپىنى ياخشى ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 37 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، 83 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، پۈتۈن يىللىق نىشان، ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

  مياۋ ۋېنلياڭ مۇنداق دېدى: بىز داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ياشلىق ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرۇپ، يۇرتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ