شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىز 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋە 9-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد داشۆسىدە «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كارخانىلار ئادەم كۈچى بايلىقى دېرىكتورلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كېلىپ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى»نى قانات يايدۇرۇپ ۋە مەكتەپ ھويلىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ توغرا بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، كارخانىلاردا، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە سانجى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق ئۈچ جاينىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى باشلىقلىرى، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ شىنجاڭ تارمىقى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «شۈنفېڭ» تېز يوللانما چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدىكەن.
مەكتەپ ھويلىسدىكى تەكلىپ قىلىش پائالىيتىگە، 2018-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ تېخى خىزمەتكە ئورۇنلاشمىغانلار، 2019-يىلى مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئىككى مەيدان تەكلىپ قىلىش پائالىيتىگە 350دىن ئارتۇق كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتنىشىپ، 7000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى