جۇڭگو تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا كەسپىي پۇتبولچىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىۋېتسىيەلىك ماھىر ئىبراھىموۋىچ كەسپىي ھاياتىدىكى 500-توپنى كىرگۈزدى.
ھازىر توپ تېپىۋاتقان پۇتبولچىلاردىن ئۈچلا كىشى ئابىدە خاراكتېرلىك بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇپ، قالغان ئىككىسى مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو.
36 ياشلىق ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە كوماندىسى ئۈچۈن 62 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، قالغان توپلارنى كۇلۇب ئۈچۈن كۈچ چىقارغان مەزگىلىدە كىرگۈزگەن. شىۋېتسىيەلىك بۇ ھۇجۇمچى ئىلگىرى ئاجاكس، يۇۋېنتۇس، خەلقئارا مىلان، بارسېلونا، AC مىلان، پارىژ ساينت گېرمان، مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن، ھازىر لوس ئانژېلېس سامانيولى كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ.
9-ئاينىڭ 15-كۈنى لوس ئانژېلېس سامانيولى كوماندىسى تورونتو كوماندىسى بىلەن چۈشكەن مۇسابىقە باشلىنىپ 43 مىنۇت بولغاندا ئىبراھىموۋىچ بىر توپ كىرگۈزدى.