تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سۈت ۋە سەيلە قىلىش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    30 ياشتىن كېيىن، ھەر 10 ياش ئاشقاندا مۇسكۇل كۈچى %10-%5 تۆۋەنلەيدۇ. ياپونىيە كيۇسيۇ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكا ناھىيەسىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان مىڭدىن ئارتۇق ياشانغان كىشىنى 24 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، قولنىڭ سىقىش كۈچى ئاجىز بولغان سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان. قولنىڭ سىقىش كۈچى ئادەمنىڭ يادرولۇق كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ياپونىيە شىنشيۇ داشۆسى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنى ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى نېڭ شىبو ياشانغانلارنىڭ مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرىدىغان «سۈرئەت ئالماشتۇرۇپ سەيلە قىلىش ئۇسۇلى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. كونكرېت ئۇسۇلى: سەل ھارغانلىقنى ھېس قىلىدىغان تېز سۈرئەتتە مېڭىش بىلەن سەيلە قىلىپ ئاستا مېڭىشنى ھەر ئۈچ مىنۇتتا بىر ئالماشتۇرۇش؛ ھەر ھەپتىدە 4 قېتىم، كۈندە 15 مىنۇت مۇشۇنداق مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە بۇنى 6-5 ئاي داۋاملاشتۇرۇش، بۇنىڭدا مۇسكۇل كۈچىنى %10 ئەتراپىدا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. چېنىقىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تەتقىقات كوللېكتىپى «سۈرئەت ئالماشتۇرۇپ سەيلە قىلىش ئۇسۇلى»نى بەش ئاي داۋاملاشتۇرغان 60 نەپەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئايال ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر قېتىم 30 مىنۇت سەيلە قىلىپ ماڭغاندىن كېيىن بىر، ئىككى ئىستاكان سۈت ئىچكەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر پەقەتلا مېڭىپ، سۈت ئىچمىگەن. بەش ئايدىن كېيىن سۈت ئىچكەن سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يوتا كۈچى %16 ئاشقان، سۈت ئىچمىگەنلەرنىڭ ئاران %7 ئاشقان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: سۈت تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار مېڭە قان تومۇرى ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇسكۇل كۈچىنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان ئاقسىلنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، كۈندە بىر ئىستاكان سۈت ئىچىدىغانلارنى سۈت ئىچمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى ۋە قان تومۇر مەنبەلىك بىلىش توسالغۇسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %30 تۆۋەن بولىدىكەن. سۈت ئىچكەندە «سۈرئەت ئالماشتۇرۇپ سەيلە قىلىش ئۇسۇلى» نىڭ مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىگە يەتكىلى ھەمدە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ