شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى سايباغ رايونى خوتەن كوچىسى ئەتراپىدىكى تۆت يولنىڭ بەش جايدىكى بۆلىكىدە 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىپ، تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شوپۇر دوستلار بۇ يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتكەندە يول بەلگىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن كوچىسى ئەتراپىدا مەززىلىك تائاملار كۆپ بولۇپ، ئاپتوموبىللار قالايمىقان توختىتىلغاچقا، قاتناش توسالغۇغا ئۇچراپ، يېمەك-ئىچمەكتىن ھۇزۇرلىنىشمۇ تەسكە توختىغان. بۇنىڭغا قارىتا قاتناش ساقچى تارماقلىرى خوتەن 1-كوچىسى، خوتەن 2-كوچىسى، تۇرپان يولى، شىخۇ يولى قاتارلىق تۆت يولدىكى بەش بۆلەكنىڭ يۈرۈش لىنىيەسىنى تەڭشەپ، تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىكى ساقچى مەن جىنىڭنىڭ ئېيتىشىچە، سايباغ رايونى خوتەن كوچىسىدا تاق يۆنىلىشلىك قاتناشنى يولغا قويۇش ئەمەلىيەتتە مەركىزىي شەھەر قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى «بەش تۈرلۈك ھەرىكىتى»نىڭ 2-تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى بولۇپ، ئاساسىي مەقسەت مەركىزىي شەھەر تارماق يوللىرىدىكى قاتناش بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە تەشۋىقات باسقۇچى ئىكەن، بۇ مەزگىلدە قائىدىگە خىلاپ يول يۈرگەن ئاپتوموبىللارغا قارىتا پەقەت چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، قائىدىگە خىلاپ يول يۈرگەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدىكەن.