9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ناخشىچى ۋاڭ لىدا ھال سوراش ئويۇنىدا «دېڭىز چۈشى» ناملىق ناخشىنى ئېيتماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە شيامېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭخۇاغا مۇھەببەت . جۇڭگو ئارزۇسى» جۇڭچيۇ بايرىمىلىق كۆرگەزمە ئويۇنى پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە باشلاندى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە ئويۇن پائالىيىتى «ۋارسلىق قىلىش ۋە تەرەققىيات»تىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى گۈزەل سەنئەت خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، قەلەمكەشلەر يىغىنى، ھال سوراش ئويۇنى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان. (ۋېي پېيچۈەن فوتوسى)