تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ناشتا قىلمىغان كۈنلەردە ئازراق ئۆرۈك مېغىزى يەڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    يېقىندا ئامېرىكا ئالىملىرى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ناشتا قىلمىغان كۈنى ئازراق ئۆرۈك مېغىزى يېگەندە ساغلاملىققا بولغان زىياننى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

    تەتقىقاتچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان 73 ئوقۇغۇچىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ %63ى ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن ناشتا قىلمايدىغانلىقىنى، ياكى ھەپتىدە 2~4 قېتىمغىچە ناشتا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان، بىر گۇرۇپپىدىكى 30 ئادەمگە كۈنىگە 56 گىرام قاقلانغان ئۆرۈك مېغىزى (ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 1.34 كىلوجوئول) بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان 5 پىرەنىك (ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 1.41 كىلوجوئول) بەرگەن، ئىككى گۇرۇپپىنىڭ كۈندىلىك باشقا يېمەك-ئىچمەك ۋە چېنىقىش لايىھەسى ئوخشاش بولۇپ، بۇنى سەككىز ھەپتە داۋاملاشتۇرغان. تەتقىقات باشلىنىپ تۆتىنچى ھەپتىسى ۋە ئاخىرلاشقان مەزگىلدە تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنى يىغقان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىدە روشەن پەرق بولمىغان، ئەمما پىرەنىك يېگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆرۈك مېغىزى يېگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆرۈك مېغىزى يېگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قان شېكىرى سەۋىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېخىمۇ تېز بولغان، ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىمۇ %34 تۆۋەنلىگەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    كالىفورنىيە داشۆسى مېرسېد تارماق مەكتىپىنىڭ دوكتورى رۇدى ئورتىز مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدا %20~%43 كىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ناشتا قىلمايدۇ.  بۇ تەتقىقاتقا ئاساسەن شۇنداق تەكلىپ بېرىمىز، بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تاماق بولغان ناشتىلىقنى قولدىن بېرىپ قويغان ئوقۇغۇچىلار چۈشتىن ئىلگىرى ئۆرۈك مېغىزى يەپ ئوزۇقلۇق تولۇقلىسا بولىدۇ. ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ساغلام ياغ، ئاقسىل، ۋىتامىن E ۋە ماگنىي ماددىسى مول، ئۆرۈك مېغىزى يېگەندە ئاچلىق تۇيغۇسىنى يېنىكلەتكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە قان بېسىمى ۋە خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ». دوكتور رۇدى ئورتىز: ساغلام كىشىلەرگە قارىغاندا، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يوغان قورساق كىشىلەر توپى ناشتىلىقىغا ئۆرۈك مېغىزى يەپ بەرسە پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، دېدى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ