خەلق تورى، خاڭجوۋ، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى. 2018-يىلى بولسا «گۈزەل جۇڭگو ــــ 2018 · پۈتۈن رايون ساياھەت يىلى». 9-ئايدىكى خاڭجوۋدا گۈيخۇا گۈلىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى قاپلايدۇ، 2018-يىللىق رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ «گۈزەل جۇڭگو، پۈتۈن رايون ساياھىتى»گە نەزەر ــــ شېئىرىي رەسىمدىكى جېجياڭ سەھىپىسى پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى خاڭجوۋدا باشلاندى. ھەر قايسى رۇسىيە تاراتقۇلىرىدىكى 13 مۇخبىر خاڭجوۋغا يېتىپ كېلىپلا، بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ بىرىنچى بېكىتى ــــ شىخۇ كۆلى بويىغا جايلاشقان جۇڭگو چاي مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.
بىر مۇخبىر جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى چىنە-چەينەكلىرىنى كۆرمەكتە.
مۇخبىرلار زىيارەت قىلماقتا