شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى.
بۇ ئاۋىتاتسىيە لىنىيەسىدە بوئېن 737-800 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، 189 ئورۇننىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى بۆلمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نۆۋەتچى ئايروپىلان بېرىش مۇساپىسىدە ئەتىگەن سائەت 06:55 ئۆتكەندە ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 08:20 ئۆتكەندە قاناس ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەتىگەن سائەت 09:05 ئۆتكەندە قاناس ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 10:30دە ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىغا قونىدۇ.