ماتېرىيال سۈرەت
ئاشقان تاماق ۋە قورۇمىلارنى يېگەندە ساغلاملىققا زىيانلىق نىترىت كىسلاتا تۇزى بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئاشقان تاماقلارنى يېگەندە چوڭ مېڭىدە «تويماسلىق» سېزىمى پەيدا بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تاماق يەۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا مىچىگان داشۆسى ۋە جەنۇبىي كالىفورنىيە داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بەش تۈرلۈك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشقان تاماق ۋە قورۇمىلارنىڭ ئادەمنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆزەتكەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاشقان تاماق ۋە قورۇمىلارنى ئادەتتىكى تاماق مىقدارى بىلەن ئوخشاش مىقداردا يېگەندە چوڭ مېڭىدە «تويماسلىق» سېزىمى پەيدا بولۇپ، چوڭ مېڭە تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك قوبۇل قىلىش سىگنالى، بولۇپمۇ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىش سىگنالى ھەمدە ھەرىكەت مىقدارىنى ئازايتىش سىگىنالى تارقاتقان. ئاشقان تاماقنى قانچە كۆپ يېگەنسېرى «تولۇقلاش»مۇ شۇنچە كۆپىيىپ، بۇ خىل تەسىر بەلگىلىك ۋاقىت داۋاملاشقان. شۇڭا، دائىم ئاشقان تاماقنى يېگەندە كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ھەرىكىتى ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات دوكلاتى ئامېرىكىنىڭ «تەجرىبە جەمئىيەت پىسخولوگىيەسى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان. دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، مىچىگان داشۆسى روس سودا شۆيۈەنىنىڭ ماركېتىڭ پىروفېسسورى ئارادېنا كىرىشنا مۇنداق دېدى: تەتقىقاتىمىزدا ئاشقان تاماقلارنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى، كەيپىياتى، تاماق يېيىش مەقسىتى ۋە ساغلاملىققا دائىر ئوزۇقلىنىش ھەرىكىتىگە روشەن تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى