تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن جەنۇبىي لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇ ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئۆزگىرىش بولدى

  ئۈرۈمچىگە كىرىدىغان ئاپتوموبىللار ئەسلىدىكى دۆلەت يولى ھەق ئېلىش پونكىتىدا ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن قايتىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرسە بولىدۇ

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن جەنۇبىي لىنىيەسى شياۋساۋخۇ ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتىدىغان شوپۇرلار سەمىگە: تۇرپان-ئۈرۈمچى يۆنىلىشىدىكى ئاپتوموبىللار شياۋساۋخۇ ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئۆچىرەت ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئوڭ تەرەپتىكى يولدىن ئەسلىدىكى دۆلەت يولى ھەق ئېلىش پونكىتىغا بېرىپ ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن، داۋاملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىپ ماڭسا بولىدۇ.

  يېقىندا، ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى، يۈك ئاپتوموبىللىرى ئېشىش قاتارلىق كۆپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ شياۋساۋخۇ بېكىتىدە ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆپىيىپ، ئىلگىرىكى كۈنىگە تەخمىنەن 12 مىڭ ئاپتوموبىل ئۆتۈشتىن ھازىرقى كۈنىگە 20 مىڭ ئاپتوموبىل ئۆتۈشكە ئېشىپ، ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئاپتوموبىللار ئۆچرەتتە تۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،  ئەسلىدىكى دۆلەت يولى ھەق ئېلىش پونكىتى  ئۈرۈمچىگە كىرىش يۆنىلىشىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

 ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ