سۈرەتتە: 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، ساياھەتچىلەر ناداچى نېرو يېزىسىدىكى ‹‹قاناتلانغان يېشىللىق ئارزۇسى›› تېمىسىدىكى شاللىق رەسىم بازىسىنىڭ مەنزىرە كۆرۈش مۇنارىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناداچى نېرو يېزىسىدىكى شاللىق رەسىم بازىسى 27 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەنزىرە كۆرۈش مۇنارى بىلەن 120 مو شاللىق رەسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شاللىق رەسىم مەنزىرىسى ھەر يىلى 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، 9 – ئاينىڭ ئاخىرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن، ساياھەتچىلەر مەنزىرە كۆرۈش مۇنارىدا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن سۈرەتكە تارتالايدىكەن ھەم رەسىم مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن.
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى