تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئائىت سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئائىت سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە:

  1. ئاقتۇ ناھىيەسى قاراكېچىك يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى يەن دۇڭ، پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئەكبەر ئەمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشتا تەدبىرى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىسى. 2016 – يىلى 3 – ئايدا، قاراكېچىك يېزىسى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىش ئەندىزىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش سېلىش شەكلى بويىچە 161 يۈرۈش بىنا ئۆي سالغان، كەنت ئاھالىلىرى 34 مىڭ يۈەندىن 83 مىڭ يۈەنگىچە مەبلەغنى ئۆزى تەييارلاشقا توغرا كېلىپ، ئاممىنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتكەن؛ قۇرۇلۇش مەبلىغىدە بىر قەدەر چوڭ يوچۇق كۆرۈلۈپ، سۇ، توك، يول قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار ھازىرغىچە پۈتمەي، كەنت ئاھالىلىرى ئۆيگە كۆچۈپ كىرەلمىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، 2015 – يىلى 12 – ئايدىن 2016 – يىلى 9 – ئايغىچە، بۇ يېزا ھويلا – ئاران ئىگىلىكى، تېخنىكىلىق ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 1 مىليون 534 مىڭ 800 يۈەننى باشقا خىزمەت چىقىملىرىغا يۆتكەپ ئىشلەتكەن. يەن دۇڭ، ئەكبەر ئەمەت قاراكېچىك يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەت – تەدبىرلىرىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلماي، ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سالغان. 2018 – يىلى 7 – ئايدا، يەن دۇڭ، ئەكبەر ئەمەتكە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىپ، رەھبەرلىك ۋەزىپىسى بولمىغان مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلدى.

  2. غۇلجا ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى رەنا ئابلىكىمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان ئائىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرمەسلىك، نازارەت قىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسى. 2015 – يىلى 3 – ئايدا، رەنا ئابلىكىم تۇرپانيۈزى يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى بولغان مەزگىلدە، بۇ يېزىنىڭ تۇرپانيۈزى كەنتى يوللىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلىدىغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تەكشۈرۈشتە ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىمەي، نامراتلارنى يۆلەش ئەشيالىرىنى تارقىتىشتا نازارەت قىلىشى كۈچلۈك بولمىغاچقا، 100 تۇياق نامراتلارنى يۆلەش كالىسى نامرات بولمىغان ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2018 – يىلى 8 – ئايدا، رەنا ئابلىكىمگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  3. قۇتۇبى ناھىيەسى چۇرگۇل بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى مۇراتقان جانىمقاننىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلماي، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى ئىشلەتمەي ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى. 2016 – يىلى 12 – ئايدا، چۇرگۇل بازىرىنىڭ شىگۇ كەنتى 500 مىڭ يۈەنلىك مىللىي كەشتىچىلىك تۈرىنى يولغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە 256 مىڭ 700 يۈەنگە 24 كەشتە ماشىنىسى، تورلاش ماشىنىسى سېتىۋالغان بولۇپ، توقۇمىچىلىق كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىش شەكلىنى قوللىنىپ، 41 نامرات ئائىلە ئۈسكۈنە بىلەن پاي قوشۇپ، پايدىنى نىسبەت بويىچە تەقسىملىمەكچى بولغان. يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنىڭ جايىدا بولماسلىقى سەۋەبىدىن، 24 كەشتە ئۈسكۈنىسى 13 ئايدىن كۆپرەك تاشلىنىپ قېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى جارى قىلدۇرۇلمىغان. مۇراتقان جانىمقان چۆرگۈل بازىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. 2018 – يىلى 6 – ئايدا، مۇراتقان جانىمقانغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  4. تولى ناھىيەلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر دۇمان تاۋقاننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىسى. 2017 – يىلى 3 – ئايدا، تولى ناھىيەلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتى ئۆرشۆلت يېزىسىنىڭ داربۇت كەنتىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى چۈشۈرۈپ، بۇ تۈرنى 20 نامرات ئائىلىگە تەقسىملەپ، ھەر بىر ئائىلىگە 25 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. تۈر يولغا قويۇلۇش جەريانىدا، دۇمان تاۋقاننىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغانلىقتىن، نامرات بولمىغان 18 ئائىلە بۇ تۈردىن بەھرىمەن بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2018 – يىلى 8 – ئايدا، دۇمان تاۋقانغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  5. ئۇلۇغچات ناھىيەلىك چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گوۋ دېلىننىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇش جەريانىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسى. 2017 – يىلى 4 – ئايدىن 11 – ئايغىچە، گوۋ دېلىن پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كۆپەيتىلىدىغان مادا ئېشەك سېتىۋېلىش تۈرىگە مەسئۇل بولۇش جەريانىدا، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولماي، ئىستىلى ئەمەلىي بولماي، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق تۇتماي، كېيىنكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەچكە، مادا ئېشەكلەر نامرات ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 120دىن ئارتۇق ئېشەك كېسەل بىلەن ئۆلگەن. نامراتلارنى يۆلەش ئېشەكلىرىنىڭ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، گوۋ دېلىن توختامدىكى كېلىشىم بويىچە خېرىدار تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلماي، بەلكى تۆت قېتىمغا بۆلۈپ خېرىدار تەرەپكە 450 مىڭ يۈەن سۈپەت كاپالەت پۇلى بەرگەن. 2018 – يىلى 8 – ئايدا، گوۋ دېلىنغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىپ، رەھبەرلىك ۋەزىپىسى بولمىغان مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلدى.

  6. ئارشاڭ ناھىيەسى ئاڭگىلىگ بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى داڭ تۇڭئاڭنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، تۈزىتىشكە پاسسىپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2017 – يىلى 4 – ئايدىن بۇيان، داڭ تۇڭئاڭ ئاڭگىلىگ بازىرىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولماسلىق، تەكشۈرۈشى قاتتىق بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى يېتەرسىز بولۇش سەۋەبىدىن، بۇ بازارنىڭ تولى كەنتىدە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىنغاندا توپا – قۇمدا تام قوپۇرۇشتەك ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلگەن. ئوبلاست، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەكشۈرۈپ قايتما ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا پوزىتسىيەدە پاسسىپ بولغان، ئىدىيەدە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ھەرىكەتتە سۇسلۇق قىلىپ، تۈزەشكە ماسلاشمىغان. 2018 – يىلى 7 – ئايدا، داڭ تۇڭئاڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازىسى بېرىلدى.

  7. چىرا ناھىيەسى چاقا يېزىسى ھاشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نەزەر توختىقۇرباننىڭ نامرات ئائىلىلەرنى پەرقلەندۈرۈش خىزمىتىنى قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەش قاتارلىق مەسىلىسى. 2017 – يىلى 3 – ئايدا، 9 – ئايدا، نەزەر توختىقۇربان بۇ كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ تېگى – تەكتىنى تەكشۈرۈش، دەل پەرقلەندۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولماي، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماي، تەكشۈرۈپ بېكىتىشى قاتتىق بولماي، پۈتۈن كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلىدىغان نامرات ئائىلىلەرنى پەرقلەندۈرۈشى دەل جايىدا بولماسلىق، نامرات بولمىغان ئائىلىلەر نامرات ئائىلىلەر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈش، نامرات بولمىغان 17 ئائىلىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا جەمئىي 210 مىڭ 500 يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2018 – يىلى 8 – ئايدا، نەزەر توختىقۇربانغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  8. توقسۇ ناھىيەسى ئۈچقات يېزىسى خوجاتورۇس كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى توختى ھىمىتنىڭ يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت خادىملىرىنى جانلىق تەڭشەش خىزمىتىدە قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىسى. 2018 – يىلى 1 – ئايدىن 3 – ئايغىچە، توختى ھىمىتنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئەستايىدىل بولماي، مۇشۇ كەنتتىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەرنىڭ جانلىق ئۇچۇرىنى ئىگىلىشى ئېنىق بولماي، باشقۇرۇشى جايىدا بولماي، يېزىلىق خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسى بېجىرىشنى كۆپ قېتىم سۈيلىگەن ئەھۋالدىمۇ، تەلەپ ۋە بەلگىلىمە بويىچە شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قىسمەن تۆۋەن كاپالەت خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىقى سەۋەبىدىن، مۇشۇ كەنتتىكى 21 ئائىلىدىكى 40 كەنت ئاھالىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ 21 مىڭ 800 يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالغان. 2018 – يىلى 7 – ئايدا، توختى ھىمىتكە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  يۇقىرىقى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا دائىر سەككىز تىپىك دېلو ئىچىدە، ھەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغانلار، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى يېتەرسىز بولغانلار، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلىنى ئىگىلىشى قاتتىق بولمىغانلار بار، ھەم خىزمەتنى قولنىڭ ئۇچىدا ئىشلىگەنلەر، پاسسىپلىق بىلەن تاقابىل تۇرغانلار، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۈچلۈك بولمىغانلار بار، بۇ مەسىلىلەر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزدى، شۇڭا چوقۇم مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان كۈندىلىك تەربىيە، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى باشتىن – ئاخىر قەلبكە ئورنىتىشى، زىممىسىگە ئېلىشى، چىڭ تۇتۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەخسۇس تۈزەشنى ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ‹‹بىر يىلدا ئۈنۈم كۆرۈلۈش، ئىككى يىلدا مۇستەھكەملەشنى تۇتۇش، ئۈچ يىلدا ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› نىشانىنى چۆرىدەپ، ‹‹مەخسۇس››قا داۋاملىق ئېتىبار بېرىپ، ‹‹تۈزەش››كە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ‹‹تۆت ئاڭ›› كۈچلۈك بولماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جايىدا بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ئەستايىدىل بولماسلىق، خىزمەت تەدبىرلىرى دەل جايىدا بولماسلىق، مەبلەغ باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق، خىزمەت ئىستىلى پۇختا بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمەت سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇھىم، زور قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى