تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى

ئۆزگىچە ماركا بەرپا قىلىپ، داڭلىق ماركا يارىتىش يولىدا مېڭىش

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جامبۇلاق ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى تۈمەن مولۇق بىنەم ئېتىز يەنە ئورما مەزگىلىگە كىردى، بۇ دەل تىيانشان باغرىدىكى بىنەم بۇغدايلىقنى سەيلە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. شەنشىلىك ساياھەتچى شياۋ لو: مەن دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى ئاساس قىلغان ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بارغانىدىم، مەسىلەن: يۈننەن يۈەنياڭدىكى پەلەمپەي ئېتىز ۋە گۇاڭشى لۇڭجىدىكى پەلەمپەي ئېتىز، ئاشۇ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، جامبۇلاق كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىكەن، دەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە خاس مەدەنىيەتنى چۆرىدەپ، ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكى ۋە گۈزەل شىنجاڭ، سىرلىق غەربىي يۇرتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق، قاتلاملىق، پىلانلىق ھالدا پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدە بىر تۈركۈم يېڭى، يارقىن نۇقتىلارنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ روشەن بەلگىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازىنى ئۆستۈردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تېز تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ساياھەت تارماقلىرى بىلەن كۆپ تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، يېڭى مەھسۇلات يارىتىپ، يېڭى لىنىيە ئېچىپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈردى، زورايتتى.

  بۇ يىل جامبۇلاق ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئەنئەنىۋى يەككە ئىشىك بېلىتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، چىسەي ئوتلاقتا تېيىلىش، سىيرىلما يول قاتارلىق ھېس قىلىش تۈرلىرى ۋە قازاق مىللىتىنىڭ ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەت تۈرلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كۈركۈم گۈلى، قىچا قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئۈچ پەسىلدە گۈل – چېچەك بولۇش، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مەنزىرە بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياتاق، تاماق شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ WiFi بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر بار بولغان 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 12گە يەتكەن بولۇپ، غەربىي رايون بويىچە 1 – ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە 2 – قاتاردا تۇرىدۇ؛ تىيانشان بوغدا كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىنى يادرولۇق كۆرەك رايونى قىلغان ‹‹شىنجاڭ تىيانشان دۇنيا تەبىئىي مىراسى››دىن بىرى، ‹‹يىپەك يولى: چاڭئەن – تىيانشان كارىدورى يول تورى›› ۋەكىللىكىدىكى ‹‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى››دىن بىرى، ‹‹دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى›› كۆكتوقاي ساياھەت مەنزىرە رايونى، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 12سى، دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئالتىسى، دۆلەت ئورمان باغچىسىدىن 25ى، دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىدىن سەككىزى، دۆلەت تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 16سى ھەم دۆلەت داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىدىن بەشى، دۆلەت داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت بازىرى، كەنتىدىن يەتتىسى، دۆلەت دەرىجىلىك سۇچىلىق داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 23ى بار.

  ‹‹بىر تۈركۈمنى بەرپا قىلىش، بىر تۈركۈمنى ياخشىلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس تەييارلاش، بالداقمۇبالداق ئالغا سىلجىتىش›› يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز جامبۇلاق، ئاناركۆل، پامىر قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى زاپاس ئامبىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، ھەر يىلى بىردىن ئىككىگىچە ساياھەت مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇشنى نۇقتىلىق قوللاپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى 15كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

  بۇ يىل ساياھەت ئاۋات مەزگىلگە كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار 21 – نۆۋەتلىك شەرققە قايتىش نادام بايرىمى، ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمى، مۇزتاغ تاغقا چىقىش بايرىمى، ‹‹چۆللۈك ساياھىتى. مايتاغ – كۇچا تاشيولى››دا مىليون شەخسىي ئاپتوموبىللىق ساياھەت، شىنجاڭ خەلقئارا ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى ھەم قاغىلىق. شىنجاڭ – شىزاڭ لىنىيەسى ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھىتى، تارباغاتاي شىخو پىۋا بايرىمى، ‹‹سېھىرلىك چېگرا شەھەر›› بۇرچىن يېمەك – ئىچمەك بايرىمى، خېجىڭ ئالغۇي يايلىقى موگۇ بايرىمى، خوتەن تۇنجى نۆۋەتلىك گۈلچاي ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى، كۆكتوقاي تەنتەربىيە ساياھىتى دالىدا قونۇش يىغىلىشى قاتارلىقلارنى ئارقا – ئارقىدىن ئۆتكۈزدى، تۈرى كۆپ، رەڭدار بۇ بايراملار نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن ساياھەت بازىرى يەنىمۇ جانلاندى.

  تۇرپان ھاراق قورۇقىدا ساپ ئۈزۈم ھارىقى تېتىش، جامبۇلاقتا شامالدا يەلپۈنۈۋاتقان بىنەم بۇغدايلىقنى سەيلە قىلىش، قۇمتاغ قۇملۇقىدا قونۇپ، جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىش... ‹‹شىنجاڭ ساياھىتى››دىكى تاللاش بارغانسېرى كۆپ مەنبەلەشمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، شىخو دەپسەڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى ‹‹تەبىئىي ئوكسىگېنخانا››، تۇرپاندىكى ‹‹قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش بازىرى››، ‹‹ئارشاڭ يۇرتى›› ئارشاڭ ناھىيەسى قاتارلىق جايلار يولغا قويغان ساغلاملىق – كۈتۈنۈش ساياھەت بازىسى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن مەستخۇش قىلىپلا قالماي، يەنە ساغلاملىق – كۈتۈنۈش مەقسىتىگە يەتكۈزدى، ساغلاملىق – كۈتۈنۈش ساياھىتى شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسىپ زەنجىرىدىكى ‹‹قىزىق ئىقتىساد››قا ئايلاندى.

  ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ساياھەتچىلەرنى كۆپەيتىشنىڭ ئاساسى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى شەخسىي ئاپتوموبىللىق ساياھەت بارگاھى، ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قارامايدا قۇرۇلۇشقا باشلىدى، تۇرپان ئاقىل ساياھەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، زامانىۋى ھاراق قورۇقى ساياھىتى سانجى قاتارلىق جايلاردا جانلاندى... بۇ يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندى.

  ھازىر ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىلگاھ›› قاناس، ‹‹تىيانشاندىكى مەرۋايىت›› بوغدا كۆلى، ‹‹ياقۇت ماكانى›› كۆكتوقاي، ‹‹پاكىز يېشىل زېمىن›› بايىنبۇلاق، ‹‹خىيالىي دۇنيا›› باغراش كۆلى، ‹‹ئارامبەخش ماكان›› نارات، ‹‹ئوت يۇرتى›› تۇرپان، ‹‹ئۆرپ – ئادەت فوتوگرافىيە مەنزىلگاھى›› قەشقەر كوناشەھەر رايونى قاتارلىقلار دۆلەت ئىچى–سىرتىغا تونۇلغان شىنجاڭنىڭ داڭلىق ساياھەت ماركىسىغا ئايلاندى. بۇ داڭلىق ساياھەت ماركىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھلىرى ئىچىدىكى قىزىق نۇقتا رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: پەرقلىق بولۇشنىڭ ئۆزى جەلپ قىلىش كۈچىدۇر. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە، باشقىلار قىلمىغاننى قىلىش، باشقىلار قىلغاننى ئەڭ ياخشى قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، خاسلاشقان، پەرقلىق، داڭلىق ماركىلاشقان بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت ماركىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى