ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون ‹‹كاپىتال ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش›› بويىچە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇپا قۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تېز، ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش مەقسەت قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ سىجىل تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىلگىرى – كېيىن بىرقاتار ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى سىياسەتلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە مەبلەغ سېلىش ئىستىقبالىنىڭ پۇرسىتى ياخشى، بايلىقى ياخشى، ۋەزىيىتى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى ياخشى بولۇپ، ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرىنىڭ بۇ پەيتنى تاللاپ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئىزدىشى دەل ۋاقتىدا بولدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى كارخانىلار بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنى، شىنجاڭ سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بارلىق قانۇنلۇق تىجارەت قىلىدىغان بازار سۇبيېكتلىرىغا قارشى ئېلىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش سەمىمىيىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا ئاساسىدا سىياسەت ئېلىپ كەلگەن پايدىنى قاتلاپ، قاتلىنىش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈزۈم خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىسىز بارلىق مەمۇرىي خاراكتېرلىك ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك كاپىتاللار ئىنتىلىدىغان ‹‹مەبلەغ سېلىش مەنزىلگاھ››قا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى.