تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مائارىپ ئىسلاھاتى–تەرەققىياتىدىكى ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› نى پۇختا ئىگىلەيلى

  ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  مائارىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئەخلاق – سىياسىي قۇرۇلۇش.

  مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتتى، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىسلاھاتى – تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى سىستېمىلىق خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مائارىپ خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، مائارىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىپ، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مائارىپ ئىسلاھاتىدا، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مائارىپنىڭ مۇھىم بۇرچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇللۇق خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، بۇ پارتىيەمىزنىڭ دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى، پارتىيەمىزنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن، چوقۇم باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  مائارىپ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يەسلى، بالىلار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ، ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ھەم ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا جاۋاب خەت يازدى، مەركەزنىڭ مۇھىم يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى – تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان بىر قاتار لايىھەلەرنى ماقۇللىدى، مائارىپ ئىسلاھاتى – تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇرنى يىغىنچاقلىساق دەل ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› بولىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، نېگىزدىن ئېيتقاندا ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› ئارقىلىق مائارىپ ئىسلاھاتى – تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ جەھەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى تېز ئاشۇرۇپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسىنى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەنلىكتە.

  يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مائارىپ ۋە ئۆگىنىشكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. مائارىپنى ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشتۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىغا لايىقلاشتۇرۇشتا، ئەڭ تۈپ بولغىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مائارىپ ئىسلاھاتى – تەرەققىياتىدىكى ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى پۇختا ئىگىلەپ، ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتۇر. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە تارىخىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ خەلقئارا نەزەر دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم باشلامچى قەدەم قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، بىز مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇشنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ چىقالايمىز.

   مائارىپ گۈللەنسە، دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مائارىپ خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتى – تەرەققىياتىدىكى ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى پۇختا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ