شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى گەنچۈەنباۋ باج ئىدارىسىدا ئىش بېجىرگىلى كەلگەنلەر «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» يانفون تېرمىنالىنى يانفونغا چۈشۈرۈش، ئىلتىماس قىلىش، باج تاپشۇرۇش، تالون كەستۈرۈشكىچە بولغان مەسىلىلەرنى يېرىم سائەت ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆردى ۋە بۇ تېرمىنالنىڭ ئىنتايىن قولاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
«شىنجاڭ باج ئىشلىرى» يانفون تېرمىنالىنى ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلار بۇ يانفون تېرمىنالى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق تالون كەستۈرەلەيدىكەن ھەمدە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى تاپشۇرالايدىكەن.