سىچۇەن ئۆلكىسى لۇجوۋ شەھىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇمى ــ ماي قەغەز كۈنلۈك 9-ئاينىڭ 13-كۈنى كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
5-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە نەق مەيداندا ياساش، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئېلىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مول ۋە كۆپ خىللىقى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، شۇنىڭدەك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن خەلق ئاممىسى تۇرمۇشىنىڭ زىچ باغلىنىشلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
(جۇ جېڭ فوتوسى)