ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نيۇ خەن خەۋىرى: «لۈ شىچى ئاكا، مەن ئەتىلا ئالىي مەكتەپكە ماڭىمەن، ماڭا قىلغان ياردىمىڭىزگە رەھمەت، مەن بۇنىڭدىن كېيىن سىزدىن داۋاملىق تەلىم ئالىمەن». 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى لۈ شىچى رەناگۈل يۈسۈپنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى.
«بۈگۈن كەچ مەن سىلەرنى مېھمان قىلاي، غەربىي شىمال مىللەتلەر داشۆسىگە ئۆتكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلىگەچ، سىزنى ئۇزىتىپ قوياي، بولامدۇ؟»
«ياخشى!» ئىككىيلەن ناھايىتى تېزلا پۈتۈشتى.
لۈ شىچى ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى تۆۋەنكى ئايكۆل كەنتىدىكى گۈلشەن نىياز ئائىلىسى بىلەن تۇغقانلاشقاندىن باشلاپ بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى.
«ئاكا، ئالىي مەكتەپ قانداقراق، راستتىنلا شۇنچە گۈزەلمۇ؟» ئەينى ۋاقىتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان رەناگۈل يۈسۈپ لۈ شىچىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە ئۇنىڭدىن ئالىي مەكتەپ توغرىسىدا شۇنداق سورىغان ئىدى.
«تىرىشسىڭىزلا ئارزۇلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئالىي مەكتەپ گۈزەل بىر باغچە، مەكتەپ تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى پىلانلىسىڭىزلا كۈنلىرىڭىز ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆز ئالدىڭىزدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىچە قەتئىي بەرداشلىق بېرىشىڭىز لازىم!» دېدى لۈ شىچى. شۇنىڭدىن كېيىن لۈ شىچى ھەر قېتىم تۆۋەنكى ئايكۆل كەنتىگە كەلسىلا رەناگۈلنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ كەلدى. رەناگۈلنىڭ نەتىجىسىمۇ سىنىپتا ئالدىدا ماڭدى.
بۈگۈنكى كۈندە رەناگۈلنىڭ ئارزۇسى ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى. بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن رەناگۈلگە مەكتەپكە بېرىش يولىدا يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تاللا بازىرىغا كىردى. لۈ شىچى گۈلشەن نىيازنىڭ توسقىنىغا قارىماي رەناگۈلگە يەيدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالدى، يەنە 200 يۈەن پۇل بەردى.
لۈ شىچى گۈلشەنگە قاراپ: «ھېچقىسى يوق، رەناگۈل يۈسۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئەگەر ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئويلىمىغان خۇشاللىق بېرىمەن، دېگەن ئىدىم» دېدى، ئارقىدىن بۇرۇلۇپ رەناگۈلگە قاراپ: «ھازىر بىز يەنە بىر قېتىم ۋەدىلىشەيلى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، سىز ماڭا بىر كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بېرىڭ، ماقۇلمۇ؟» دېدى.
رەناگۈل بارمىقىنى چىقىرىپ لۈ شىچى بىلەن باغلىشىپ: «خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىنكى تۇنجى ئايلىق مائاشىمنى ئالغاندا سىز بىلەن ئاتا-ئانامنى مېھمان قىلىمەن» دېدى.