ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز لى ۋېنخۇڭ، ما جىنمىڭ خەۋىرى: ساۋەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سىستېراسى چېڭ لىجۈن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنداق دېدى: «دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، دورا ئاپىرىپ بېرىش، كارىۋات ئۇقۇشۇش، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ئوخشاش ئىشلار ماڭا ھەممەيلەننىڭ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، قەلىبداش بولساقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت پولات ئىستىھكامنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىندا مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ساۋەن ناھىيەسى شۇ كۈنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ھەققىدىكى تىپىك ئىش-ئىزلاردىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى، ناھىيەدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردىن بولغان 10 كادىر ۋە خىزمەتچى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەتراپىدا يۈز بەرگەن تەسىرلىك ئىش-ئىزلارنى سۆزلەپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى، يىغىن زالىدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.