ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شېن جىجۈن خەۋىرى، فوتوسى: بورتالا ئوبلاستى تەۋەسىدىكى غەربىي تىيانشان تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوققىدا 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈچ ياۋا ئەركەك ئارقار «دۇئېل» غا چۈشتى.
دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان بۇ ئارقارلار ھەر يىلى كۈزنىڭ ئاخىرى ۋە قىشنىڭ باشلىرىدا جۈپلىشىدۇ، بوغازلىق مەزگىلى 150-160 كۈنگىچە بولۇپ، ئىككىنچى يىلى 5-ئايدىن 6-ئايغىچە قوزىلايدۇ. ئارقارنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئادەمنىمۇ پۇراپ سېزىۋېلىپ، تېزلىكتە قېچىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئارقارلارنى يېقىن ئارىلىقتىن سۈرەتكە تارتىش ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ.