تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمەن

  قاراقاش ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سەھىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئابلىز ئابلا

  1987– يىلى مەن شىنجاڭ تېببىي شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىندىم. داشۆگە يېڭى بارغاندا، مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى سەۋىيەم ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئالاقىلىشىشتە زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانىدىم، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىم سەۋرچانلىق بىلەن قايتا – قايتا يېتەكچىلىك قىلىپ، مېنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە ياردەم بەردى. خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئىدارىدىكى ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىم ماڭا دائىم ياردەم بەردى، كۆڭۈل بۆلدى ۋە مېنى قوللىدى. مېنىڭ پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پارتىيە بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈممۇ بولمىغان بولاتتى.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان جىنايى قىلمىش بىلەن شۇغۇللانماقتا، ئۇلار بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش جىنايەتچى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزۈمگە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىمەن، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ئۆز قۇرۇلۇشۇمنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرىمەن. باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن، باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولىمەن، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرىمەن، قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى كەم – كوتسىز، ئۆزگەرتمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. ئۆز خىزمىتىمنى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئۆز مەجبۇرىيىتىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، كادىرلار، ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي توسۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۈشمەنگە ھېچقانداق پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن.

  بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز ۋە تىنچ، ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز، بىز ھەر مىللەت خەلق قەلبداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرغان گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز! مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ قىلىپ، ئەتراپىمدىكى ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئۈلگىلەردىن بولىمەن. كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق قىلمىشلارغا بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىشەنچىمنى چىڭىتىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سەھىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنى بىر مەقسەتتە بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ