تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى ئاچتى

  باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 4 – قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىدىيەسى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 3 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى››نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، 16 مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىك، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، تۈر قۇرۇلۇشى، مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھاسىل قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى، چوقۇم كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى داۋاملىق تۈزەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك، پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە داۋاملىق سالماقنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغنىڭ تۈرگە، تۈرنىڭ يىرىك پىلانغا، يىرىك پىلاننىڭ ئېھتىياجغا ئەگىشىپ مېڭىشىدا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەبلەغ ئىشلىتىشتە داۋاملىق سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئاجرىتىپ بېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە، قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە داۋاملىق سالماقنى ئاشۇرۇپ، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ياردەم بېرىش، ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چۈشىنىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرالايدىغان قىلىش كېرەك. جانلىق تەڭشەشتە داۋاملىق سالماقنى ئاشۇرۇپ، پەرقلەندۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جانلىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نىشانلىق جەڭ قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا داۋاملىق سالماقنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشتە ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇش، تەرتىپى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەنىۋى جەھەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا داۋاملىق سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ‹‹كۈتۈش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش›› ئىدىيەسىدىن ۋاز كېچىشكە يېتەكلەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشتا داۋاملىق سالماقنى ئاشۇرۇپ، بىر دەرىجە بىر قاتلامنى تۇتۇپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، پۇختا ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ