ماتېرىيال سۈرەت
ياز ۋە كۈز پەسلىدە كىشىلەر يېتەرلىك قۇياش نۇرىدا مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەرگە ئېغىز تېگىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەم بەدىنىگە كۆپ خىل پايدىسى بولغان مېۋە دەل قوغۇندۇر. ئامېرىكا «موداcosmo » ژۇرنىلىدا قوغۇن ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: تۆۋەن كالورىيەلىك مېۋە بولغان قوغۇن يۈرەك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە تېرىنى ياخشىلايدۇ.
يۈرەك ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى
قوغۇننىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر قوغۇننى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ قوغۇننىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن: قوغۇن تەركىبىدە مول بولغان كالىينىڭ قان بېسىم ۋە خولېستېرىننى چۈشۈرۈش رولى بار.
ماتېرىيال سۈرەت
ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، تېرە ئاسراش مۇتەخەسسىسى
قوغۇن تەركىبىدە سۇ ئىنتايىن مول، شۇڭا پىژغىرىم ئىسسىقتا كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. قوغۇن تەركىبىدە مول بولغان پىروۋىتامىن A ئەلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا ھېسابلىنىدۇ. قوغۇن تەركىبىدىكىβ -كاروتېننىڭ تېرىنى قۇياش نۇرى زەخمىسىدىن ساقلاش رولى بولۇپلا قالماي، يەنە ھۈجەيرىلەرنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قوغۇن تەركىبىدىكى ۋىتامىن c كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
تۆۋەن كالورىيەلىك سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلغۇچى
قوغۇن تېرىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تۆۋەن كالورىيەلىك مېۋىلەرنىڭ ۋەكىلى بولالايدۇ، قوغۇن تەركىبىدە %90 سۇ ۋە %10 قەنت بار، ئۇ كالورىيەسى ئەڭ تۆۋەن مېۋىلەرنىڭ بىرى، ھەر 100 گىرام قوغۇن تەركىبىدە ئارانلا 30 كالورىيە بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوغۇن تەركىبىدە ۋىتامىن ئىنتايىن مول. قوغۇننىڭ يەنە توكسىن ھەيدەش ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش رولى بار، شۇڭا قوغۇن تېرىسىنى ياخشىلىماقچى بولغان خانىم-قىزلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى بولالايدۇ. قەۋزىيەت ئازابىغا دۇچار بولۇۋاتقانلارمۇ قوغۇن يەپ بەرسە ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. قوغۇن تەركىبىدىكى كالىينىڭ سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار.
ماتېرىيال سۈرەت
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى