تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئىليار سېيىتنىياز

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. تارىختا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق قۇرغان. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىللاردا داستان بولغۇدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق يېڭى مەزگىلگە كىردى.

  ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنى جۇڭگو زېمىنىدىن ئايرىپ چىقىش غەرىزىدە بولۇپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ۋە ئالداپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي، كەسكىن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، شۇنداقلا بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى››دا، پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە، ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ئىپادە بىلدۈرىمەنكى، مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، كومپارتىيە ئەزاسى، مەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن، مەن كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىمەن.

  بىز شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىشىمىز، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل بولغان مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئالدىدا، چوقۇم مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ۋە ھەل قىلىدىغان قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىمىز كېرەك. مەن ھەر دائىم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھەرىكىتىمنى تېخىمۇ قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشتە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشتە كاللامنى ئالاھىدە سەگەك تۇتىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكەتتە ئالاھىدە قەتئىي بولىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتتا ئالاھىدە سەمىمىي بولىمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ