مۇھەررىر :
مېھرىبان يالقۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/09/11 17:11
9-ئاينىڭ 7-كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئايروپىلان رېمونت قىلىش بازىسىنىڭ ئايروپىلان ئىسكىلاتىدا ئىنژېنېر ياڭ جاۋ شىنجاڭ «جۇڭجى» خەلقئارا مەكتىپىنىڭ «ئۇچۇش ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى»دىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئايروپىلان قۇرۇلمىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ «جۇڭجى» خەلقئارا مەكتىپىنىڭ «ئۇچۇش ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى»دىكى 30 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى قانات يايدۇرغان ئاممىغا ئېچىۋېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئېكسكۇرسىيەدە بولدى. بالىلار ئايروپىلان قۇرۇلمىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ كۈندىلىك مەشىقىنى كۆردى. (ۋاڭ فېي فوتوسى)
9-ئاينىڭ 7-كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئايروپىلان رېمونت قىلىش بازىسىنىڭ ئايروپىلان ئىسكىلاتىدا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك خادىمى ۋۇ تاۋ ئوقۇغۇچىلارغا ئايروپىلان قۇرۇلمىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
ئوقۇغۇچىلار ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۈندىلىك مەشىقىنى كۆرسەتتى.
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.