شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى: چۈچۈكلۈك دەرىجىسى مېۋىنىڭ تەمى ۋە سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، ئالما نېمە ئۈچۈن چۈچۈك بولىدۇ، دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋۇخەن ئۆسۈملۈك باغچىسى يېقىندا ئالمىنىڭ چۈچۈكلۈك دەرىجىسى خۇسۇسىيىتى ئىرسىيەت تەتقىقاتىدا يېڭى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئالمىنىڭ چۈچۈكلۈك دەرىجىسىنى ھاسىل قىلىدىغان مۇرەككەپ مېخانىزىمنى ئېچىپ بەردى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋۇخەن ئۆسۈملۈك باغچىسى مېۋىلىك دەرەخ مولېكۇلا سورتىنى يېتىشتۈرۈش پەن گۇرۇپپىسى ئالمىنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى كونتىرول قىلدىىغان Ma1 ئاساسلىق گېننى بايقىغان، يېقىندا تەتقىقاتچىلار يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم ئالمىلارنىڭ Ma1 نۇقتىسىدىكى گېن شەكلىنىڭ گەرچە گوموزىگوتا يوشۇرۇن تىپىغا تەۋە بولسىمۇ، لېكىن مېۋىنىڭ چۈچۈمەل مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.