تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساياھەتچىلەر شىنجاڭ كېچىسىنىڭ گۈزەللىكىدىن مەستخۇش بولماقتا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋگاڭ، پىراكتىكانت جيا كې

  شىنجاڭ ياخشى جاي. ‹‹بىپايان››، ‹‹گۈزەل›› شىنجاڭنىڭ كۈندۈزلۈك مەنزىرىسى جاي – جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قۇچاق ئېچىپلا قالماي، كېچىلىك مەنزىرىسىمۇ ئوخشاشلا كىشىلەرنى زوقلاندۇردى.

  ‹‹ساياھەت + ئاسترونومىيە›› يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى

  7– ئاينىڭ 28 – كۈنى تاڭ سەھەر، ئالتاي ۋىلايەتلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاسترونومىيە تېلېسكوپلىرى ئاسمانغا قارىتىپ تىزىپ قويۇلغانىدى، مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئۇزاق بىر قېتىملىق ‹‹ئاينىڭ قىزىرىپ تۇتۇلغان›› مەنزىرىسى بىپايان كائىناتتا نامايان بولدى. شۇ كۈنى نۇرغۇن ئاسترونومىيە ھەۋەسكارى يىراق – يىراقلاردىن كېلىپ، بۇ گۈزەل ئاسترونومىيە مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، دۆلەتنىڭ ساياھەت بايلىق تۈر ئۆلچىمىدىكى سەككىز ئاساسلىق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ساياھەت بايلىقىنىڭ كۆپ خىللىقى ‹‹ساياھەت +››نىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بىپايان شىنجاڭ ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى دائىم كېلىدىغان جاي، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىدىغان، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى سۈرەتكە ئالىدىغان ئەڭ ئۆزگىچە ۋە مول مەزمۇنلۇق رايون. شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جاي مۇھىتىنىڭ ياخشىلىقى، ئاتموسفېراسىنىڭ ئۆتۈشۈشچانلىقى بىلەن ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشتىكى ئەڭ ياخشى رايونغا ئايلانغان. ‹‹ساياھەت + ئاسترونومىيە›› مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلدى.

  ھازىر ئالتاي ۋىلايىتى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇۋاتىدۇ، ئالتاينىڭ ئېسىل يۇلتۇزلۇق ئاسمان بايلىقى ئۆز جايىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. ھازىر ئالتاي ۋىلايەتلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش بازىسى قۇرۇلدى، ئۇلار يەنە ئاسترونومىيە كىچىك بازىرى قۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقچى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئاچقاندا، يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش مەزمۇنىنى قوشۇشقا باشلىدى. شىنجاڭ تيانشان جۇڭلۈ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەھسۇلات سېتىش باش نازارەتچىسى ۋاڭ زىيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساياھەت كوپىراتىپىمىز قۇمتاغ قۇملۇق ساياھىتى مەھسۇلاتىغا يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش مەزمۇنىنى كىرگۈزدى. دەسلەپكى سىناقتىن كېيىن، ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولدى، كېيىنكى باسقۇچتا مەھسۇلاتىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئاسترونومىيە پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى كىرگۈزىمىز.

  ئاۋات كېچىلىك بازار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى بەش ئاي رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن قايتىدىن تىجارەت باشلاپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر كۈندە كۈتۈۋېلىنغانلارنىڭ سانى 200 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن. يېڭىدىن قۇرۇلغان ئېسىل تائاملار مەدەنىيەت كوچىسى ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ، باشقىچە ئاۋاتلىشىپ كەتكەن.

  رەڭگارەڭ چىراغلار يېقىلغاندا، ساياھەتچىلەر يېڭىدىن چىرايلىق قىلىپ ياسالغان چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىن كېسىپ ئۆتۈۋېتىپ، خۇددى گو مورو ئەپەندى ئەسىرىدە تەسۋىرلىگەن ‹‹كۆكتىكى بازار››دا سەيلە قىلىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىدۇ. بۇ خىيالىي گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە يەرلىك مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، شىنجاڭنىڭ ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ.

  قېتىقلىق زۇڭزىنى تېتىش، مەززىلىك كاۋاپنى يېيىش... كېچىلىك بازار ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىدىكى ئاجايىپ ئېسىل سورۇنغا ئايلاندى. ئۈرۈمچىدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى خوتەننىڭ كېچىلىك بازىرى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بۇلاق كېچىلىك بازىرى، يەنە قەشقەرنىڭ كېچىلىك بازىرىدىمۇ ساياھەتچىلەر مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ناخشا – ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئاۋات مەنزىرە شەكىللەندى.

  كېچىلىك بازار ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى يەنە بىر كۆزنەك بولۇپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن كۈندۈزلۈك مەنزىرىنى كۆرۈپ تازا زوقلانغان ساياھەتچىلەرنىڭ كېچىدىمۇ مەنزىرىدىن زوقلىنىدىغان ياخشى جايى بار بولدى.

  ھازىر شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جاي كېچىلىك بازارنى پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا سىڭدۈردى. ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگە رايونى بولغان بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ كېچىلىك بازىرى ئېرتىش دەرياسى سوغۇق سۇ بېلىقى كاۋىپى بىلەن جاي – جايلارغا تونۇلغان. جاي – جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدۇ. ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە، كېچىلىك بازار ھەر كۈنى 7000 ئادەم(قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋالىدۇ.

  شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى كىشىلەرنى مەستخۇش قىلدى

  9– ئاينىڭ 5 – كۈنى كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا، ئەمدىلا قاراڭغۇ چۈشكەنىدى، جېجياڭلىق ساياھەتچى لى جىڭ دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىغا كېلىپ، تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە نەزەر تاشلىدى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالار، رەڭگارەڭ چىراغلار، ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان مەنزىرە كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. ‹‹ئۈرۈمچىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنىڭ بۇ قەدەر گۈزەللىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن!›› دەپ ھاياجانلانغان لى جىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، ئىسسىقلىق ساقلايدىغان ‹‹شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى››نى قانات يايدۇردى، يوللارنى كۆكەرتىش، كېچىنى يورۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، يەنە ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەلگەنلەرگىمۇ يېڭىچە تۇيغۇ بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپلا قالماي، يەنە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈردى، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى. كورلا، شىخەنزە، ئۈرۈمچى، سانجى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر دېگەن نامغا ئېرىشتى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن بۇ ساياھەتچىلەر شىنجاڭدا شەھەرنىڭ پاكىزلىقى، گۈزەللىكىنى، خەلقنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلدى.

  9– ئاينىڭ 2 – كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئۈچ كۈنلۈك ‹‹يارغول تۈن سەيلىسى›› ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، نەچچە يۈز ساياھەتچىنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كېتىشكە كۆزى قىيمايلا قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ