9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ۋېنئەن ناھىيەسىنىڭ سودا كوچىسىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىدا «كىچىك قاتناش ساقچىسى» قاتناش ساقچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قاتناشقا قوماندانلىق قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، خېبېي ئۆلكىسى ۋېنئەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش چوڭ ئەترىتى ۋە 4-باشلانغۇچ مەكتەپ بىرلىكتە «كىچىك قاتناش ساقچىسى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە مەدەنىيەتسىز بولۇش قىلمىشلىرىغا قارىتا نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق، بالىلار ئەمەلىيەت جەريانىدا قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشنى ئۆگەندى ھەمدە «ھاياتنى قەدىرلەپ، بىخەتەر يول يۈرۈش» كە يېتەكلەندى. (لى شياۋگو فوتوسى)