پائالىيەت نەق مەيدانى (سۈرەتنى پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ تەمىنلىگەن)
مۇخبىرىمىز خې جېن خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئايدىڭكۆل ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى.
ئايدىڭكۆل ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى جۇڭخەي گۇرۇھى مەبلەغ چىقىرىپ ياردەم بەرگەن قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، بۇ تۈر 2018-يىلى 9-ئايدا باشلىنىپ، 2019-يىلى 9-ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، جۇڭخەي گۇرۇھى 2005-يىلىدىن بۇيان دىققىتىنى مائارىپقا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشكە قاراتقان ھەمدە بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئايدىڭكۆل ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلۇشىغىچە بولغان 13 يىلدا 14 ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادى ياردەم بەرگەن.