ئارغامچا سەكرەش بىر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماينى ئازايتىدىغان ھەرىكەت. تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەم مىنۇتىغا 140 قېتىمدىن ئۇدا 10 مىنۇت ئارغامچا سەكرەپ بەرسە، 30 مىنۇت ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر بولىدىكەن.
شۇڭا بۇ خىل ھەرىكەت ئالدىراش خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىشلىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن.
ئارغامچا سەكرىگەندە بەدەن ئورۇقلاپلا قالماي يەنە يۈرەك - ئۆپكە ئىقتىدارى ۋە قان تومۇر سىستېمىسىنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.
ئارغامچا سەكرىگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بىرىنچى، بىر خىل سۈرئەتنى ساقلاش، نەپەس رىتىملىق بولۇش.
ئىككىنچى، ئۈستى بەدەننى قالايمىقان مىدىرلاتماسلىق.
ئۈچىنچى، بەدەننى ئەركىن قويىۋېتىش، جىددىيلىشىش سەۋەبلىك بەدەن ھەرىكىتىنىڭ ماسلاشماي قېلىشىدىن ساقلىنىش.
تۆتىنچى، ئېگىز، قاتتىق سەكرىمەسلىك، يەرگە يېنىك چۈشۈش.
بەشىنچى، ئارغامچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دەسسىۋېلىپ، ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچىدىن تارتقاندا قولنىڭ ئېگىزلىكى بەل ئەتراپىدا بولسا، ئارغامچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ.