تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

6–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

نۇقتىلىق تۈردىن 162سى ئىمزالاندى، ئىمزالانغان توختام ئومۇمىي سوممىسى270 مىليارد 943 مىليون يۈەنگە يەتتى

   مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ئىچكى، تاشقى ئالاقە ھەمكارلىق توختامى تۈرىدىن 162سى ئىمزالىنىپ، ئىمزالانغان توختام ئومۇمىي سوممىسى 270 مىليارد 943 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىگە قارىغاندا %11.98 ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگو شىنجاڭ جۇغراپىيەلىك، بايلىق ۋە ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ساياھەت قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەر ئارىسىدىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 18 پورت ۋە دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەر توپلانغان 23 رايون قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. بولۇپمۇ شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى خەلقئارا سودا چوڭ يولى قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن كەسىپ ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى سۈپەتكە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈردى.

   شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىك ۋە غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل تېزلىتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار. شىنجاڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ‹‹يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش››نىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.  

   تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش – تەرەققىيات ئىدارىسى 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئىچكى ھەمكارلىق بويىچە ئىمزالانغان نۇقتىلىق تۈرلەردە ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالى ۋە 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئىمزالانغان نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى.

   بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئىمزالانغان نۇقتىلىق تۈرلەر ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش›› باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدىگەن بولۇپ، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش يېڭى ماتېرىياللىرى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مەدەنىيەت – ساياھەت، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ئۆي – مۈلۈك كەسپى، باش ئىشتاب پەن تەتقىقات مۇلازىمىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، سودا ئەشيا ئوبوروتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېنىك سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق كۆپ خىل نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىنىدىغان ساھەلەرگە چېتىلىدۇ ھەم ئىلگىرىكى ئاساستا، ئىچكى ھەمكارلىقتىن ئىچكى – تاشقى ھەمكارلىققا كېڭەيدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تاشقى ئالاقە ۋە ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن پائالىيەتكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ