تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ھاياتىي كۈچى چەكسىز

مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي، شيې خۇيبيەن، مېھرىگۈل ناسىر

   ئانار شەربىتى، جۈزە شەربىتى، سەۋزە شەربىتى... ئەزەربەيجانلىق سودىگەر يادىكار ئىسراپىلوفنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا ھەر خىل مېۋە شەربەتلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، ئۇ بىزنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، بىر بوتۇلكا ئانار شەربىتىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ تېتىپ بېقىشىمىزغا سۇنغاچ، مۇنداق دېدى: بۇ مېۋە شەربەتلىرى ساپ ھەم تەبىئىي. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن، بىزنىڭ 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىمىز شىنجاڭدا ھەمكارلىق پۇرسىتى ئىزدەپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنى شىنجاڭدا كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

   يادىكار ئىسراپىلوفقا ئوخشاش، كۆرگەزمىگە قاتناشقىلى كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە سودىگەرلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق ۋە مۇقىم، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى گەۋدىلىك، ئۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم ھەمراھى.
     
   ئۆزگىچە ئەۋزەللىك سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى

   كۆرگەزمە ئېچىلغان كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئۈچ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىسى پەيزاۋات ناھىيەسى ‹‹شىڭيې›› ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ مەسئۇلى خې كاڭدېنى ئىزدەپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشى توغرىسىدا كېڭەشتى. خې كاڭدې مۇنداق دېدى: بۇ يىل مېنى ئىزدەپ كېڭەشمەكچى بولغان كارخانىلار ناھايىتى كۆپ، شاڭخەي، جېجياڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كارخانىلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن %20 تىن كۆپرەك ئاشتى، بۇ كارخانىلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتكەن.

   شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى كېڭەيتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فۇ جۇڭسېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، غەربكە ئېچىۋېتىشتە ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بۇ، شياڭگاڭ كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

   شېنجېن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى يۈەن فۇيۇڭ يەنە قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى شېنجېندا ئىككى قېتىم سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش يىغىنى تەشكىللىدى، ھەر قېتىم قاتناشقان سودىگەر نەچچە يۈزگە يەتتى. يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان، سودا تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىغا بەس – بەستە كەلمەكتە.

   يۈەن فۇيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭنىڭ غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە، كەلگۈسىدە جۇڭگو – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى، جۇڭگو – پاكىستان تۆمۈريولى پۈتكەندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ رايون ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكى، ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان رايون ئەۋزەللىكىگە تايانغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ!

   قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش

   سىرى لانكا سىرى لانكا – جۇڭگو دوستلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى باندېرا كاۋچۇك سۈتى، كوكس يېغى ۋە سېيلون قىزىل چېيىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مەھسۇلاتنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىم ھەمكارلىق ھەمراھى تېپىپ، سىرى لانكىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭغا سېتىپ، سىرى لانكا بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

   فۇ جۇڭسېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شياڭگاڭنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان تۈرى 286 گە يېتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىجارىگە بېرىش، كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، كانچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلدى. شىنجاڭنىڭ سەككىز كارخانىسى شياڭگاڭدا پېيىنى بازارغا سالدى، شياڭگاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئەۋزەللىكىمۇ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلدى.

   يۈەن فۇيۇڭنىڭ قارىشىچە، شېنجېن بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقى ئۆزئارا تولۇقلاش ۋە قوش پايدا ئېلىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: شېنجېن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە دۇچ كەلدى. شېنجېننىڭ مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ ئارقىلىق ياۋروپا، ئاسىيا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ، بۇنى سۇ يولىدا توشۇشقا سېلىشتۇرغاندا 15 كۈندىن 30 كۈنگىچە ۋاقىت تېجىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ ئادەم كۈچى تەننەرخى بىرقەدەر تۆۋەن، بۇ، شېنجېن كارخانىلىرىنى تېخىمۇ بەك جەلپ قىلىدۇ. شېنجېن كارخانىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن شېنجېننى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش بوشلۇقىغا ئىگە قىلىدۇ، ئاخىرىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

   جۇڭگو تېلېگرافى خەلقئارا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى ياڭ ليۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇش مۇساپىسىدە، جۇڭگو تېلېگرافى ئىزچىل ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن بولۇپ، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تېلېگرافى جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىگە بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، شىركىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل شىنجاڭ

   8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، كارخانىچىلارنى باشلاپ بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان يۈەن فۇيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ، بىز شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئېلىپ كەلگەن پايدىنى تولۇق ھېس قىلدۇق.

   يۈەن فۇيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شېنجېن 2000 دىن ئارتۇق كىشىنى قەشقەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىدى، كۆپچىلىك كەلگەندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا: قەشقەرنىڭ بۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمىز، مىللىي ئۆرپ – ئادىتى ئۆزگىچە ئىكەن، كېلەر قېتىم يەنە كېلىمىز، دېيىشتى.

   يۈەن فۇيۇڭغا ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە بولغان، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كۆپلىگەن ئەزىز مېھمانلار شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ئىجابىي باھا بەردى. بۇ، فۇ جۇڭسېننىڭ 6 – قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىشى ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قىياپىتى كۈندىن – كۈنگە يېڭىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېزلىشىپتۇ، بۇ بىرقانچە كۈندە مەن ئۈرۈمچىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى بىزنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچكە ئىگە قىلدى، شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشەنچىمىز كۈچەيدى.

   يادىكار ئىسراپىلوف گەرچە تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما گۈزەل ئۈرۈمچى ئۇنىڭدا ئوخشاشلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقى ئەمگەكچان، قىزغىن، ئەدەپلىك، دوستانە ئىكەن. شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم ئىكەن، بۇ يەردە تىجارەت قىلساق خاتىرجەم بولىمىز، ئىشەنچىمىز كامىل.

   دۈنخۇاڭ ئۇرۇقچىلىقى ئاۋانگارت سورتلۇق ئۇرۇق چەكلىك شىركىتىنىڭ رايون دىرېكتورى گاۋ لۇڭفېي 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى مۇنداق دېدى: نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شىنجاڭغا كېلىپلا بوغدا كۆلىگە باردىم، چوڭ بازارنى ئايلاندىم، يەنە كاۋاپ قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرىگە ئېغىز تەگدىم، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىمۇ گۈزەل، ئادەملىرىمۇ گۈزەل ئىكەن. يېقىندا نۇرغۇن دوستۇم دوستلار چەمبىرىكىگە شىنجاڭدا ساياھەت قىلغان سۈرەتلىرىنى چىقاردى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ياخشى جاي، دەپ باھا بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ