تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى

  ــــ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش توغرىسىدا (3)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش توغرىسىدا ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشنىڭ ئاساسىي يولى ۋە گۈزەل لايىھەسى سۈرەتلەندى. جايلار، تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى سىياسىي جەھەتتە، ئىستراتېگىيە جەھەتتە، ئومۇمىيەت جەھەتتە، يىراق كەلگۈسى جەھەتتە تەپسىلىي قاراپ چىقىش، پىلانلاش ۋە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي چىڭىتىش كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك ساياھەتكە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىش مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك ساياھەت كەسپى جەمئىيەتلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى، تۈرلۈك ساياھەت بازىرى سۇبيېكتلىرىنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ شەكىللەندۈردى. جايلار، تارماقلار ئۆز ئورنىنى توغرا تېپىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي چىڭىتىشى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، كونكرېت لايىھە تۈزۈپ، ۋاقىت چەكلىمىسى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇن، ئادەمگىچە بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قانداق ئىشنىڭ جاۋابى بولۇش، ھەرقانداق ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇش، ھەر قانداق ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىياسەت ۋە سېلىنما كاپالىتىنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەك. مالىيە سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە، يەر، باج، بازار ئىجازىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سالمىقى بار، ئەمەلىي، كارغا كېلىدىغان تەدبىر قوللىنىپ، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈشنىڭ سىياسەت تىرىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مالىيە سېلىنمىسىنىڭ ‹‹ئاز ئارقىلىق كۆپكە ئېرىشىش››تىن ئىبارەت قېزىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ۋە ئەلئارا كاپىتالنى ساياھەتچىلىك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، سېلىنما سۇبيېكتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خاس پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ساياھەت تۈرلىرىگە قەرز بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى كېرەك؛ ساياھەتچىلىككە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، قوشۇننى ياخشى قۇرۇش ئاچقۇچ. ساياھەتچىلىك كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىيدا كۈچلۈك، كەسىپتە پىشقان، ساياھەت كەسپىنى سۆيىدىغان، ئىش قىلالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ساياھەتچىلىك كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ساياھەت كەسپى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش كېرەك. ساياھەت كەسپىي مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت كەسپىي باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل بولغان بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلام ساياھەت كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ساياھەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەتچىلىكنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ساياھەت كەسىپكارلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىش كېرەك. ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە كىرىم تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ساياھەت كەسىپكارلىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ قانۇن ساپاسى، سىياسەت سەۋىيەسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ سالاھىيەتنى دەلىللەش ۋە گۇۋاھنامە بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساياھەت سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، يەنە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن تىنچ، ئىناق، ئاۋات، تەرەققىي قىلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەسىر كۈچى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللار ۋە ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ‹‹ھەممە ئادەم ساياھەت ئوبراز ۋەكىلى، ھەممە يەر ساياھەت مۇھىتى›› دەيدىغان ئاڭنى تۇرغۇزۇپ، ھەممە ئادەم ساياھەتچىلىككە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە ئادەم ساياھەتچىلىكنى قوللايدىغان، ھەممە ئادەم ساياھەتچىلىككە قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    ‹‹كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ؛ كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە تايانغاندىلا، نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ››. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر. بىز يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پەيتنى پەملەپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىسەكلا، چوقۇم ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ