ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ شۆلۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىر كۈزنىڭ سەھەردىكى ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەسلەنگەچ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى قورغان كەنتىدىكى چىلانلىققا كېلىپ، كۆز يەتكۈسىز چىلانلىقتا دانىسى يوغان، پارقىراق ۋە سۈزۈك چىلانلارنى كۆردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى چىلان ئۆستۈرۈش ۋە پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنى چىلان پەرۋىشىنى كۈچەيتىشكە، ئەتىياز پەسىللىك پۇتاش، چېچەكلەش مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش، ياز پەسىللىك پۇتاش، ئوغۇتنى تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى 230 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى چىلانلار ياخشى ئۆسۈپ، مول-ھوسۇلدىن دېرەك بەردى.