تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۇسسۇل ئارقىلىق دوستلىشىپ، شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش

ئۇلار ھەر يەر-ھەر يەردىن كەلگەن، ئۇسسۇل سەۋەبلىك تونۇشتى، ئۇسسۇل سەۋەبلىك جەم بولدى

مۇخبىر ياڭ شۇخەن

     لەرزان ئۇسسۇل، يېقىملىق ناخشا-ساز، چامباشچىلىق، نەيزىۋازلىق ماھارىتى... 8-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت 22لەردە، ئۈرۈمچى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىدا سالقىندىغاچ ئارام ئېلىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىشىپ، تولىمۇ شادلىققا چۆمگەنىدى. كەچقۇرۇننىڭ سالقىن شامىلىغا جور بولغان شوخ ئۇسسۇل كۈيلىرى شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىگە تېخىمۇ گۈزەل تۈس قوشقانىدى.
     «قول ھەرىكىتىڭىز يېنىك، تەبىئىي بولسۇن، مانا مۇنداق، قانچە ھېسسىياتلىق ئوينىسىڭىز، ئۇسسۇلىڭىز شۇنچە جەزبدار كۆرۈنىدۇ...». 77 ياشلىق گۈلنىسا مەمەت سىچۈەننىڭ چېڭدۇدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ مىنشۈەن بىلەن قىزغىن پاراڭلاشماقتا ئىدى.
    — قوشنام ئۈرۈمچىلىك، ئۇ ئۇچرىغانلا كىشىگە شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى ئوبرازلىق سۆزلەپ بېرىپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ،  دېدى ۋاڭ مىنشۈەن. قوشنىسىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېرى ئىككىيلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش قارارىغا كەلدى.
     بىز ئىلى، قاناس، تۇرپان، بوغدا كۆلىگە باردۇق، بۇ جايلاردا ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىلەرنى كۆردۇق ھەم ياخشى سۈرەتلەرنى تارتىۋالدۇق، قوشنام تەسۋىرلەپ بەرگەندەك، بۇ جايلارنىڭ نامى ھەقىقەتەنمۇ بىكارغا چىقمىغان ئىكەن، — دېدى ۋاڭ مىنشۈەن ئۇسسۇل ئوينىغاچ.
     ئەمەلىيەتتە، ‹‹ئۇسسۇل ئارقىلىق دوستلىشىپ، شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش›› خېلى بۇرۇنلا نۇرغۇن ئەل ئىچى ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا ئايلانغانىدى. دەي پىڭ كورلا شەھىرىدىكى شىنجاڭ مىللىيچە ئۇسسۇلى ھەۋەسكارى، بۇ يىللاردا، ئۇ ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق ھەر يەر – ھەر يەردىن نۇرغۇن دوست تۇتتى، ئۇنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ھەر يىلى جايلاردىكى ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرى ئۇسسۇل سەۋەبىدىن ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە جەم بولدى، بۇ يىل كۆپچىلىك بىردەك جەم بولىدىغان جاينى شىنجاڭ قىلىپ بېكىتتى.
     8-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، كورلا شەھىرىنىڭ سۈنئىي كۆل باغچىسىدا، شاڭخەيلىك 52 ياشلىق ساياھەتچى لى جيې ئوچۇق سېرىق رەڭلىك ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ، قاپقارا ئۆرۈمە چېچىنى ئالدىغا تاشلاپ، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ، يېنىك قەدەم بىلەن ئۇسسۇل مەيدانىغا كىردى، ئەتراپتىكى ئامما ئۇنىڭ لەرزان ئۇسسۇلىغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. لى جيې شاڭخەيلىك بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىدى، ئىككى ئاي بۇرۇن، ئۇ مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭ مىللىيچە ئۇسسۇلىنى ئوينىغانلىقىنى كۆرگەنىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن شۇ چاغدىلا شىنجاڭ مىللىيچە ئۇسسۇلىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئۇسسۇلنى ئىككى ئايدىلا ئۆگىنىۋالدىم، يەنە ئۇسسۇلچى دوستلىرىم بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭغا كەلدىم.
    دەي پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار بۇ قېتىم ئىككى ئاپتوبۇسنى مەخسۇس ئىجارە ئېلىپ، شاڭخەي، نەنجىڭ، سەنيادىن كەلگەن 40 نەچچە ئۇسسۇلچى دوستنى ئېلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ خوتەن، قەشقەر، ئىلى، ئاقسۇ، قومۇل، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ گۇمانىتار مەنزىرىسى، تەبىئىي مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغان، بارغانلا شەھەردە شۇ جايدىكى ئۇسسۇلچىلار توپىنىڭ باشلىقلىرى كۆپچىلىكنى يىغىپ، شىنجاڭ مىللىيچە ئۇسسۇلىنى تەڭ ئويناش شەكلى ئارقىلىق يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالغان!
     نەنجىڭدىن كەلگەن ئۇسسۇل ھەۋەسكارى خۇاڭ فېيجۈن گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولغانىدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شېرىن تەملىك مېۋە – چېۋىلەر ۋە ئۆزگىچە يېمەكلىكلەر بەك كۆپ ئىكەن، شىنجاڭدىكى ئۇسسۇلچى دوستلار تولىمۇ قىزغىن ئىكەن، بىز دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى  خوتەن قەغىزى ياساشقا قاتناشتۇق، چېگرادىكى بوستانلىق ئىلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇق، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىدا مېڭىپ تومۇز ئىسسىقنى ھېس قىلدۇق، بايىنبۇلاق يايلىقىدا ئات چاپتۇردۇق، بۇنداق ھەيۋەتلىك، بىپايان، كەڭ، سىرلىق گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردە كۆرەلمەيمىز، مەن بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، قايتقاندىن كېيىن، جەزمەن تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمنى شىنجاڭغا كېلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا تەشكىللەيمەن.
     دەي پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ھەرقايسى شەھەرلەردە توختاش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ مىللىيچە ئۇسسۇلىنى بىللە ئوينىغان دوستلىرى 10 مىڭدىن ئاشقان. دەي پىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئۇسسۇل ئارقىلىق دوستلىشىش شەكلى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭ مىللىيچە ئۇسسۇلىنى ئويناش، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىش، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى پۈتۈن دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ