تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىنى بەرپا قىلىش

شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك  كەسپىنى بەرپا قىلىش ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان(1)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

      8-ئاي دەل شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى. بوغدا كۆلىدىن قاناسقىچە، تۇرپان بۇيلۇقتىن قەشقەر كونا شەھەرگىچە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر توپ – توپ بولۇپ كېلىپ، ھەممە جاي ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، بەش ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىنچىكە پىلانلاش ئارقىلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى مەنزىرە رايونىنىڭ يېڭى قىياپىتى نامايان بولدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىر كېلىدىغان پىيادىلەر كوچىسى ھەر كۈنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن 200 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن كۆپرەك ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 78 مىليون 335 مىڭ 100 ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.72 ئاشقان؛ ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 121 مىليارد 448 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.72 ئاشقان، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى قىزىپ كەتتى!
     ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئىلمىي پىلانلاپ، يۇقىرى ئورۇندىن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ساياھەتچىلىكنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ ۋە ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ‹‹موتور››غا ئايلاندۇرماقتا.
     ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئىلمىي پىلانلاش
شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، تەبىئەتنىڭ كارامىتى بىلەن بۇ زېمىندا كىلىماتى خىلمۇخىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ يەردە چەكسىز كەتكەن قۇملۇق، بىپايان چۆللۈك بولۇپلا قالماي، يەنە كۆز يەتكۈسىز يايلاقلار، گۈزەل بوستانلىقلار، ھەيۋەتلىك مۇز چوققىلار، كۆپكۆك كۆللەر بار... يەنە تېخى ئۇزاق تارىخ ۋە مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرىدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە گۇمانىتار مەنزىرىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ، شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە ساياھەت بايلىقى ئەڭ مول بولغان ئۆزگىچە رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان.
     لېكىن تارىخىي ۋە ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىمۇ ناھايىتى گەۋدىلىك بولدى، شىنجاڭ ساياھەت بايلىق چوڭ رايونىدىن ساياھەتچىلىك ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنالمىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئوخشاش دەرىجىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تېخىچە زور تەرەققىياتنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى خۇددى بايلىقى مول كانغا ئوخشايدۇ، بۇ بايلىقنى قانداق قېزىش كېرەك؟
    2014 – يىلى 5 – ئايدا، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ساياھەت يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزى، جەنۇبىي شىنجاڭنى يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھەت مەنزىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
     بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن ئېنىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلىشى بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ساياھەت كەسپىنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
     ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى مىسلىسىز سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈردى.
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپى ۋە ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەتچىلىكنى ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 + 1››تىكى ‹‹ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت››نىڭ بىرى قىلىشنى قارار قىلدى.                       
     شۇنىڭ بىلەن، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان بىر قاتار يىرىك پىلان، تەدبىرلەر ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. 2017 – يىلى 2 – ئايدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى›› ئېلان قىلىندى، 3 – ئايدا ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى›› ئېلان قىلىندى، بۇ يىل 6 – ئايدا ‹‹شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ <13 – بەش يىل>لىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2018  2020)›› ئېلان قىلىندى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى، تەرەققىيات نىشانى، مۇھىم ۋەزىپىسى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
     ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ زور تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىغا ئايلاندى، ھەممە كىشى ساياھەتچىلىككە كۆڭۈل بۆلىدىغان، جايلار، كەسىپلەر، تارماقلار ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان يېپيېڭى ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن تولۇپ  تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: بىز ساياھەتچىلىكنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىدەك تارىخىي پۇرسەتكە ئۈلگۈردۇق، پۈتۈن شىنجاڭدا مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن ‹‹پايدا››نىڭ ئۈزلۈكسىز تارقىتىلىشى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ زور دەرىجىدە نەپ يەتكۈزدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ زور تەرەققىيات مەزگىلى يېتىپ كەلدى.
     ئەۋزەللىككە تايىنىپ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش
     ساياھەتچىلىك — ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئۇنىۋېرسال كەسىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ساياھەتچىلىكنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، ئادەمنى ئاساس قىلىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، بازارنى يېتەكچى قىلىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي پىرىنسىپنى بېكىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئاشۇردى.
     ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بىپايان ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› ئارىسىدا ‹‹بىر مەركەز، بىر رايون، ئۈچ بەلباغ›› ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بېكىتتى— 
     يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ساياھەت يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزى بەرپا قىلىش. ئۈرۈمچىنى مەركەز، قەشقەر، غۇلجا، ئالتاينى تايىنىش نۇقتىسى، باشقا نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرىنى تۈگۈن قىلغان خەلقئارا ساياھەت يىغىلىش – تارقىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛
     جەنۇبىي شىنجاڭدا يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەنزىرە ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىش. بوستانلىق مىللىي ئۆرپ – ئادىتى، تارىخىي مەدەنىيەت ۋە قۇملۇق – توغراقلىق مەنزىرە رايونى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت كەسپى سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش؛
     ئۆزگىچە كىچىك بازار ۋە ئائىلە ئاپتوموبىلى لاگېرى بەرپا قىلىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹تىيانشان كارىدورى دۇنيا مىراسلىرى ساياھەت كەسپى بەلبېغى››نى بەرپا قىلىش؛ چېگرا ساياھىتى لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹جۇڭغارنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى ئېكولوگىيە ساياھىتى كەسىپ بەلبېغى›› قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ سەھرا ئىستىراھەت ساياھىتى ۋە ساغلاملىق – كۈتۈنۈش – دەم ئېلىش ساياھىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىستىراھەت ساياھىتى كەسىپ بەلبېغى›› قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش.
     ‹‹بىر مەركەز›› جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، شەھەر مەنزىرە نۇقتىسى ساياھەت تورى ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرگە مودا، زامانىۋى شىنجاڭنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹بىر رايون››نىڭ ساياھەتچىلەرگە نامايان قىلىپ بېرىدىغىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تارىخىي مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسى بولۇپ، كىشىلەرگە يوشۇرۇن كۈچى زور، ئۆزگىچە شىنجاڭنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹ئۈچ بەلباغ›› ھەر خىل ئالاھىدە ساياھەت، خاس ساياھەتنى چەكسىز تېز تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى. مول ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ساياھەت بايلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ ئېچىشتا، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جەزبدارلىقىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىدۇ؛ ئەنئەنىۋى كەسىپ ھالىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئېچىش مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي جەھەتتىن يېتىشمەسلىك زىددىيىتىنى پەسەيتىدۇ؛ مەنزىرە نۇقتىلىرى، مەنزىرە رايونلىرىنى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا تېخىمۇ تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېچىش ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق.
     ‹‹بىر مەركەز، بىر رايون، ئۈچ بەلباغ›› تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسى پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

     ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتنى ھەقىقىي
ئىلگىرى سۈرۈش

     ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشقا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا مەھسۇلاتلارنى دەل جايىدا لايىھەلەش، ئالاقىدار كەسىپلەرنى زىچ ماسلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىجادىي ئېچىشقا ئېھتىياجلىق. شۇڭا ئاپتونوم رايون تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، تەجرىبىلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، لايىھەنى ياخشى تۈزۈپ، سىياسەتلەرنى ياخشى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، بازاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەدبىرلەرنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ياخشى ساقلاپ، ‹‹يەتتە بىر قۇرۇلۇشى››نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
     بۇ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ توغرا ھەرىكەت لايىھەسى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى—  
     بىر تۈركۈم داڭلىق ماركا بەرپا قىلىش. تەبىئىي ئېكولوگىيە ساياھىتى، گۇمانىتارلىق مەنزىرە ساياھىتى، ئۆزگىچە ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ساياھەت مەنزىلى داڭلىق ماركا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇنى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىغان باشلامچىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
     بىر خىل بوغما ھالەتنى بۆسۈپ تاشلاش. قولاي، ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۆمۈريولنىڭ ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تاشيولنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش؛
     بىر خىل ئوبراز تىكلەش. ساياھەت تەشۋىقاتى، تونۇشتۇرۇشنى ئومۇمىي دائىرىلىك، ئىستېرېئولۇق، ئۈزلۈكسىز، پۈتۈن تاراتقۇ بويىچە كۈچەيتىش، چوڭ – چوڭ ساياھەت بايرىمى، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش، ‹‹بىپايان زېمىن، چەكسىز مەنزىرە، شىنجاڭ ياخشى جاي›› ئوبرازىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش؛
     بىر تۈركۈم ئېسىل مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈش. 5A دەرىجىلىك 12 مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئۆزگىچە ساياھەت ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش؛
     بىر تۈركۈم لىنىيە شەكىللەندۈرۈش. مەنزىرە رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال توپىغا قارىتا ‹‹ئالتۇن لىنىيە››لەرنى پىلانلاپ، خاس ئىستېمالنى قاندۇرۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈش؛
     بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلارنى ئېچىش. شىنجاڭنىڭ خاسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ‹‹شىنجاڭ سوۋغىسى›› ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى تاۋار ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم خاس ساياھەت تاۋارلىرىنى بازارغا سېلىپ، ساياھەتچىلەرنى تاللىيالايدىغان، ئاسان سېتىۋالالايدىغان، ئېلىپ كېتەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ، دېڭىز ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ‹‹شىنجاڭنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتەلەيدىغان›› قىلىش؛
     بىر تۈركۈم كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش. ساياھەتچىلىكنى باشلامچى قىلىپ، يۇغۇرما تەرەققىيات مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ‹‹ساياھەت+›› ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان كەسىپلەر توپى ۋە بىر كەسىپ تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
     ‹‹يەتتە بىر قۇرۇلۇشى›› شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، ئۇ بازار ئالدىن كۆرەرلىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. شىنجاڭ ساياھىتى شۇنىڭدىن بۇيان ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشلىدى.
     ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى: ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق 2020 – يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكىدە يىلىغا كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىنى 300 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالىنى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇش، ساياھەت بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېتىلدۈرۈش، ساياھەت مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە موللاشتۇرۇش، ساياھەت باشقۇرۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، پۈتۈن رايون ساياھەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان ۋەزىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت.
     پىلان تۈزۈلدى، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. ئىشىنىمىزكى، ھەممە شارائىت پىشىپ يېتىلىپ، ھەر تەرەپنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئۇيۇشتۇرغاندا، ساياھەتچىلىكنى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز. 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ