ئەگەر قاناس كەنتىنى سىرلىق خيالىي دۇنياغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ئاق قابا كەنتى تەبىئىي ئۇسلۇبتىكى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشايدۇ.
بۇ يەردە سىز ئېسىل نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىز تېگەلەيسىز، دومبىرانىڭ يېقىملىق كۈيىگە جور بولۇپ، بۇ خىلۋەت ئەمما گۈزەل ماكاننىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايسىز.
ئاق قابا كەنتى بولسا ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسىنىڭ تېرەكتى يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، جۇڭگو-قازاقىستان چېگرىسى ئەتراپىغا جايلاشقان. بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان تۇۋالارنىڭ تۇرالغۇلىرى ئىككى ئېرىق ئارىسىدىكى تار ئۇزۇن كەتكەن تۆپىلىككە سېلىنغان بولۇپ، قەدىمىي تۈس ئالغان بۇ قاتار-قاتار ئۆيلەر، ياپيېشىل ئوت-چۆپ، قارلىق تاغ، ئاپئاق بۇلۇتلار بىلەن بىرىكىپ بۇ جاينىڭ گۈزەللىكىگە باشقىچە ھۆسىن قوشىدۇ.
ئاق قابا كەنتىدىكى چوڭ بازارغا كەلسىڭىز، سىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغىنى يەنىلا يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەززىلىك تائاملاردۇر.
مەنبە: بۇرچىن نۆل ئارىلىق ئۈندىدار سۇپىسى