يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان مۈشۈكئېيىقلار.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: چاڭچۈن شەھىرىدىكى جىلىن ئۆلكىلىك شەرقىي شىمال يولۋىسى باغچىسىنىڭ مۈشۈكئېيىق سارىيىدا ئۈچ يىل تۇرغان مۈشۈكئېيىق «جيا جيا» بىلەن «مېڭ مېڭ» 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سىچۈەندىكى جۇڭگو مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىگە قايتۇرۇپ كېلىندى، ئۇلار 2019-يىللىق مۈشۈكئېيىق كۆپەيتىش پىلانىغا قاتنىشىدۇ.
جىلىن ئۆلكىلىك شەرقىي شىمال يولۋىسى باغچىسى ۋە جىلىن ئۆلكىلىك ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇپ كۆپەيتىش مەركىزى جۇڭگو مۈشۈكئېيىقنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن، مۈشۈكئېيىق «جيا جيا» بىلەن «مېڭ مېڭ»نى ئارىيەتكە ئېلىپ باققان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرى كەڭلىك رايونىدا مۈشۈكئېيىقنى سۈنئىي باقالماسلىقتەك بوشلۇق تولدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مۈشۈكئېيىقنىڭ ياشاش رايونىنى كېڭەيتىشتىكى بىر سىناق ھېسابلىنىدىكەن.