تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەت يېڭى ھالىتى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى. تۇرپاندىكى ھاراق جاڭزىسىدا ساپ ئۈزۈم ھارىقىدىن ھۇزۇرلىنىش، جامبۇلاقتا بۇغداي دولقۇنى كۆرۈش، قۇمتاغدا قونۇپ يۇلتۇز كۆرۈش...ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. «شىنجاڭ ساياھىتى» دە تاللاش تېخىمۇ كۆپ خىللىشىپ، شىنجاڭنىڭ داڭقى چىقتى.
    بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا شىنجاڭدا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچى 78 مىليون 335 مىڭ 100 ئادەم (قېتىم) گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.72 ئاشتى. ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 121 مىليارد 448 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.72 ئاشتى.
    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈزلۈكسىز موللىشىۋاتقان ۋە مۇكەممەللىشىۋاتقان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىش ئاساسى. كۆپ يىللىق تەرەققىيات مابەينىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت يېڭى ھالىتى ۋە يېڭى مەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئائىلە ئاپتوموبىلى لاگېرى، ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قارامايدا قۇرۇلۇشقا باشلىدى. تۇرپاننىڭ ئەقلىي ساياھەت سىستېمىسى تېزلىكتە قۇرۇلۇۋاتىدۇ، زامانىۋى ھاراق جاڭزىسى ساياھىتى سانجى قاتارلىق جايلاردا گۈللەندى...بۇ يېڭى ھالەتلەر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى.
    ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلىۋاتقان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ۋە نۆۋەتچى پويىزلار ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ۋاقتىنى تېجىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا  تۇرپان-قاناس ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى، خوتەن-چېڭدۇ، ئۈرۈمچى-قاناس، چۆچەك-تۇرپان-ئاقسۇ، ئۈرۈمچى-كۇچا-خوتەن، داليەن-شىجياجۇاڭ-كورلا قاتارلىق 10 ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىغا قاتنايدىغان تۆمۈريول، ئاپتوبۇس يېڭى لىنىيەلىرى ئېچىلدى، نۆۋەتچى پويىز قېتىم سانىمۇ داۋاملىق كۆپەيتىلدى.
    «ساياھەت+» نى ئاساس قىلغان ساياھەتتە يېڭىلىق يارىتىش كۈنسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، «پۈتۈن رايون ساياھىتى»نىڭ تەرەققىياتى سۈرئەت ئاشۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئالايلى، خوشۇت ناھىيەسى «قىزىل ساياھەت+مەدەنىيەت» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت ئامىلى كەمتۈكلۈكىنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ساياھەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، «شىمالدا تاغ سەيلىسى، جەنۇبتا كۆل سەيلىسى، غەربتە مەي بەزمىسى» دىن ئىبارەت ساياھەت ئەندىزىسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.  
    ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىگە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «خېنەننىڭ قومۇلغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پويىزى»، «شېنجېن-شىنجاڭ»، «بېيجىڭ-خوتەن»، «خاربىن-ئالتاي»، «جىلىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى»، «شېئىرىي تۈستىكى جېجياڭ-ئاقسۇ» قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەر ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش  ئەمەلگە ئاشتى. «شىنجاڭغا ئېلىپ كىرىش» نىڭ يېتەكچىلىكىدە، پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشىدىكى يېڭىچە ئۇسۇلغا ئايلىنىپ، شىنجاڭ مىقياسىدا ساياھەت قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، بۇ يىلقى شىنجاڭ ئىچى ساياھىتىنى داۋاملىق جانلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ